لۇغەتنى كۆرۈش: ي
- يارمانماق — چىرماشماق؛
- يارمە — پارچە ، ئۇۋاق ، يارما؛
- يارۇتماق — يورۇتماق؛
- يارۇغلۇق — يورۇقلۇق ؛
- يارۇق/ يارۇغ — ؛(1) يورۇق ، نۇر ، پارلاق؛ (2)يېرىق ؛
- يارۇقماق — يېرىلماق؛
- يارۇماق — يورۇماق ؛
- يارى — ياردەم ، مەدەت ، قوللاش ؛ دوستلۇق؛
- يارىشما — مۇسابىقە ، بەسلىشىش؛
- يارىشماق — يۈگۈرۈشمەك ، بەسلەشمەك ، بەيگىگە چۈشمەك ، ئۆزئارا مۇسابىقىدە ئۈزۈشمەك؛
- يارىغار/ يارغار — سىرداش دوست ، ئايرىلماس ھەمراھ ، ئۆمۈرلۈك يار؛
- يارىم — يېرىم ؛
- يارىمۇچۇق — يېرىم ئوچۇق؛
- يارىن — كېلەچەك ، كەلگۈسى ، ئەتە؛
- يازغۇرماق — ؛(1) ئەيىبلىمەك ، گۇناھكار قىلماق ، گۇناھكار ھېسابلىماق ، ئارقاسىدىن غەيۋەت قىلماق؛ (2) يايدۇرماق ؛
- يازماق — ؛(1) يايماق ، ئاچماق ، يەشمەك؛ (2) يازماق ، پۈتمەك (خەت) ؛ (3) تاس قالماق؛ [يازماق ئول يىقلا يازدى --- ئۇ يىقىلغىلى تاس
- يازۇ — چوڭ ، بۈيۈك؛
- يازۇق/ يازۇغ — گۇناھ ، جىنايەت ؛ ئەيىب ، خاتالىق؛
- يازۇقلاماق — گۇناھ ئۆتكۈزمەك؛
- يازۇقلۇق/ يازۇقلۇغ — گۇناھلىق ، گۇناھكار؛
- يازى — دەشت ، چۆل ؛ تۈزلەڭلىك ، دالا ، يايلاق؛
- يازىغ — يېزىقلىق ، يېزىلغان ؛ نەقىشلەنگەن ، ئويۇلغان؛
- يازىلاماق — يايلاققا يۈرمەك ؛
- يازىلماق — يېزىلماق (خەت ) ؛ يېيىلماق ؛ تارقىماق ؛ ھەل بولماق ، بىر تەرەپ بولماق ، يېشىلمەك ،كۆڭۈل ئېچىلماق ، كۆڭۈلدىن غەشلىك كۆتۈر