لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىھتىكار — نەرسەلەرنى كەلگۈسىدە ھايىنىغا سېتىش غەرىزىدە بېسىۋېلىش ،بېسىمدارلىق ؛ ھايانكەشلىك؛
- ئىھتىلام — چۈشىدە جىمادا بولۇپ، ئالەت ياكى پەرجىدىن مەنى كەتمەك؛ ئىھتىلام --ئەرلەردە، بولۇپمۇ ياشلاردا ئۇيقۇ ۋاقتىدا، كۆپىنچە جىنسى
- ئىھتىمال — مۇمكىنچىلىك ، ئىمكانىيەت بارلىق؛
- ئىھتىمام — ئەھمىيەت بېرىش ، دىققەت قىلىش ؛ تىرىشىش؛ [ئىھتىمام ئەيلەمەك، ئىھتىمام ئەتمەك --- ئەھمىيەت بەرمەك ، دىققەت قىلماق ، غەيرە
- ئىھتىيات — ئېھتىيات ، ساقلىنىش ، ئالدىنى ئېلىش ؛ ئىستىھكام ، ساقلىنىش تەدبىرى؛ زاپاس قىسىم؛
- ئىھتىياتەن — ئېھتىيات قىلىش يۈزىسىدىن ، ساقلىنىش ئۈچۈن؛
- ئىھتىياج — ھاجەت ، تەلەپ ؛ مۇھتاجلىق ، كۆپلۈكى: ئىھتىياجات ؛
- ئىھداس — يېڭىلىق يارىتىش ، يېڭىلىق ، يېڭى ۋەقە پەيدا قىلىش؛
- ئىھرام — ھەج قىلغاندا ھاجىلار كىيىدىغان كىيىم؛
- ئىھزار — ھازىر قىلىش ، ھازىرلاش ، تەييارلاش ؛ ھۇزۇرىغا چاقىرىش ، ئالدىغا كەلتۈرۈش ؛ ئالىپ كېلىش؛
- ئىھساس — ھېس قىلىش ، سېزىش ، بىلىش ؛ قېنىقلاش ، سېزىم ، تۇيغۇ؛ [ئىھساس قەتمەك، ئىھساس ئەيلەمەك --- ھېس قىلماق ، سەزمەك ، بىلمەك]؛
- ئىھسان — ياخشىلىق ، بىراۋغا بىرەر نەرسەنى بېغىشلاش ، ھەدىيە قىلىش؛
- ئىھمال — بىپەرۋالىق، سۇسلۇق ، سولاشلىق؛ [ئىھمال ئەيلەمەك، ئىھمال قىلماق --- بىپەرۋالىق قىلماق ، بوش كەلمەك]؛
- ئىھيائ — تىرىلدۈرۈش ، جان كىرگۈزۈش ، ھايات بېرىش؛ [ئىھيائى ئەمۋات --- ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلىشى]؛
- ئىھيائ كەردە — جانلانغان ، تىرىلگەن ؛
- ئىۋەدىم — چاققان؛
- ئىۋەر — قەرز؛ جاۋاپ؛
- ئىۋەز — بەدەل ، بىر نەرسەنىڭ ئورنىغا دەستىللەنگەن ئىككىنچى نەرسە ، تەڭ قىممەتلىك نەرسە، كۆپلۈكى: ئەئۋاز؛
- ئىۋەزەن — بىر - بىرىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ ، تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇپ؛
- ئىۋەن — كەمچىلىك؛ يېتەرسىزلىك؛
- ئىيا — ؛(1) ئالىقان ؛ (2) ئىگە، خوجا؛
- ئىيادەت — كېسەل كۆرۈش ، كېسەل يوقلاش ، كېسەلدىن ھال سوراشقا بېرىش؛
- ئىيار — ئالتۇن ، كۈمۈش قاتارلىقلارنىڭ باشقا ئارىلاشمالاردىن تازىلانغانلىرى، ساپ ئالتۇن - كۈمۈش؛ ئۆلچەم؛ [ساھىب ئىيار --- خىللىغۇ
- ئىياسىز — ئىگەسىز ، ئىگە - چاقىسىز؛