لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىنتىسار — غەلىبە ، زەپەر ، نۇسرەت ؛ غەلىبە قازىنىش ، زەپەر قۇچۇش؛
- ئىنتىشار — تارقىلىش ، چېچىلىش ، يېيىلىش ؛ گېزىتكە بېسىش؛ [ئىنتىشار تاپماق --- يېيىلماق، تارقالماق]؛
- ئىنتىفائ — ؛(1) ئۆچۈش؛ يوقۇلۇش؛ [ئىنتىفائ تاپماق --- ئۆچمەك، يوقالماق]؛ [ئىنتىفائنار --- ئوت ئۆچمەك]؛ (2) نەپ ئېلىش ، پايدا ئېلىش ،
- ئىنتىقاد — تەنقىدلەش ، باھالاش ؛ خىللاش ؛ مۇئەمما قائىدىلىرىدىكى مەخسۇس ئىشارەتلەر؛
- ئىنتىقاش — نەقىشلەش ؛
- ئىنتىقال — كۆچۈش ، يۆتكىلىش؛ كۆچمە مەناسى: ئۆلۈش؛ [ئىنتىقال ئەتمەك، ئىنتىقال تاپماق، ئىنتىقال قىلماق --- كۆچمەك ، يۆتكىلىپ كەلمەك ؛
- ئىنتىقام — ئەنت؛ ئۆچ؛ قىساس؛
- ئىنتىقام — ئۆچ ئېلىش؛ [تىغى ئىنتىقام تارتماق --- ئۆچ ئالماق]؛
- ئىنتىھائ — تۈگەش ، ئاخىرلىشىش ؛ ئاخىر ؛ كېيىن؛
- ئىنتىھار — ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى؛ مەسىلەن: ئۇ ئاخىر ئۈمۈدسىزلىك سەۋەبىدىن ئىنتىھارنى ئويلىدى؛
- ئىنجۇ — مەرۋايىت؛
- ئىنجىتمەك — رەنجىتمەك ، خاپا قىلماق؛
- ئىنجىرمەك — ئىڭرىماق؛
- ئىنجىل — ئىنجىل ، خىرىستىيانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى؛
- ئىنجىمەك — رەنجىمەك ، خاپا بولماق؛
- ئىنچەك/ ئىنجەك — ئىنچىكە ، نازۇك؛
- ئىنچكە/ ئىنچىك — زىلۋا ، ئىنچىكە ، نازۇك؛
- ئىنچكەلىك — دىققەتچانلىق ، ئەھمىيەت بېرىش ، چوڭقۇر كۆڭۈل قويۇش ، يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە تەكشۈرۈش؛ [ئىنچكەلىك بىلە --- ئېھتىيات بىلەن]
- ئىنچكىرمەك/ ئىنچقىرماق — ئىنچىكە تاۋۇش بىلەن يىغلىماق ، چىقىرىماق؛
- ئىنچمەك — يانچىماق؛
- ئىنچىكە تەڭشەش — Fine-tuning(ئىسىم/پېئىل ئىبارەسى)-- ئاساسەن سۈنئىي ئىدراك ۋە ماشىنا(Machine) ئۆگىنىش ساھەسىدە ئىلگىرى مەشىق قىلىنغان (pr
- ئىنخىرات — بىرەر گۇرۇھقا كىرىش ، تەشكىلگە قاتنىشىش ؛ يىپنى يىڭنىدىن ئۆتكۈزۈش ؛ يىپقا تىزىش؛ تاراشلىنىش ، قىرقىلىش ، رېمونت قىلىنىش؛
- ئىنداماق — ق. چاقىرماق؛
- ئىندە — ئالدىدا، ھۇزۇرىدا، «.....دا، .....دە،......تا، .....تە»؛ [ئىندەنناس --- ئادەملەر ئالدىدا]؛ [ئىندە الباب --- ئىشىك ئالدىد