لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىغۋائ — ئازدۇرۇش ، يولدىن چىقىرىش ، قۇترىتىش ، يامان يولغا باشلاش؛
- ئىغىشا — ئاشكارا قىلىش ؛ پاش قىلىش؛
- ئىفادەت — پايدىلاندۇرۇش ، دەرس بېرىش ، بىلىم بېرىش ، ئۆگىتىش ؛ پايدا ، نەپ، ياخشىلىق؛ ئىپادەلەش؛ مەنا؛
- ئىفتار — ئېغىز ئېچىش ، روزىنى بۇزۇش؛
- ئىفتىتاھ — باشلاش ، كىرىشىش ؛ ئېچىش ، ئېچىۋېتىش؛ [ئىفتىتاھ ئەتمەك --- باشلىماق ، كىرىشمەك]؛
- ئىفتىخار — پەخىرلىنىش ، ماختىنىش؛
- ئىفتىرائ — بۆھتان ، تۆھمەت؛
- ئىفتىقار — مۇھتاجلىق ، بىچارەلىق ، پەقىرلىك ، يوقسۇزلۇق؛
- ئىفرات — ھەددىدىن ئېشىش ، چەكتىن ئاشۇرۇش؛ [ئىفرات كۆرگۈزمەك --- ھەددىدىن ئاشۇرماق،ھەددىدىن ئاشماق]؛
- ئىفرەت — ئارتۇقچە؛ ھەددىدىن تاشقىرى؛
- ئىفرىت — دىۋە ، جىن ، ئالۋاستى ، شەيتان؛
- ئىفساد — بۇزۇش ، سېسىتىش ، بۇزۇقچىلىق ؛ بۇزۇلۇش؛
- ئىفشائ — پاش قىلىش ، ئېچىش ، ئاشكارا قىلىش؛ [ئىفشائ ئەتمەك، ئىفشائ ئەيلەمەك، ئىفشائ قىلماق ---- ئېچىپ تاشلىماق ، پاش قىلماق]؛
- ئىففەت — پاكلىق ، پاكىزلىق ؛ نومۇس ؛ يامانلىقتىن ساقلىنىش؛
- ئىففەتپەناھ/ئىففەتمەئاب — ئىپپەتلىك ، نومۇسلۇق ، پاك؛
- ئىفلاس — ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش ، سۇنۇش ؛ پۇلسىزلىق ، كەمبەغەللىك؛
- ئىفنائ — گۇمران قىلىش ، يوقاتىش ؛ ئىشلىتىپ بولۇش ، تۈگىتىش ؛
- ئىفھام — چۈشەندۈرۈش ، ئاڭلىتىپ بىلدۈرۈش ، پەم قىلدۇرۇش؛
- ئىقاب — جازا ، ئازاب ، قىيناق؛
- ئىقالە — ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچى ئۆزئارا كېڭىشىپ سودىنى بۇزۇش ، سودىدىن يېنىش؛
- ئىقامە — تۇرغۇزۇش ، ئورنىتىش ؛ كۆتۈرۈش ؛ كۆرسىتىش ؛ يۈرگۈزۈش ؛ ق.ئىقامەت ؛
- ئىقامەت — بىر جايغا ماكانلىشىش ، تۇرۇپ قېلىش ؛ مۇقىملىشىش؛ [ئىقامەت ئەتمەك، ئىقامەت ئەيلەمەك --- تۇرۇپ قالماق]؛ [ مەنزىلى ئىقامەت
- ئىقامەتگاھ — تۇرۇشلۇق جاي ، ئولتۇراقلاشقان ماكان؛
- ئىقبال — دۆلەت ، بايلىق ، بەخت - تەلەي ، ئامەت؛ كەلگۈسى ، يېقىن كەلگۈسى ؛ [نامەئى ئىقبال --- مېھرىبانلىق يارلىقى ؛ خۇرسەنلىك خېتى