لۇغەتنى كۆرۈش: ى
- ئىبادەتگاھ — ئىبادەت قىلىدىغان جاي؛ [ئىبادەتگاھى كەبىرە --- بۈيۈك ئىبادەتگاھ]؛
- ئىبار — ؛«ئىبرە»نىڭ كۆپلۈكى: يىڭنىلەر ، تىكەنلەر ، نەشتەرلەر؛
- ئىبارات — ؛«ئىبارەت»نىڭ كۆپلۈكى: ئىبارىلەر؛
- ئىبارە — بىر ئۇقۇمنى ئاڭلاتقان بىر ياكى بىر قانچە سۆز بىرىكمەسى؛
- ئىبارەت — تەبىر ، شەرھ ، ئىزاھات ، ئۇسۇل ، ئۇسلۇپ ؛ مۇئەييەن مەنە ئۇقتۇرىدىغان جۈملە بۆلەكى، يېرىم جۈملە، ئىبارە ؛
- ئىباھەت — مۇمكىنلىك ، رۇخسەت ، يول قويۇش؛
- ئىبەر — ؛«ئىبرەت»نىڭ كۆپلۈكى : ساۋاقلار ، ئىبرەتلەر؛
- ئىبتىدائ — ؛(1) باش ، دەسلەپ؛ باشلاش؛ [ئىبتىدائ ئەيلەمەك، ئىبتىدائ قىلماق --- باشلىماق]؛ (2) يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش؛
- ئىبتىدائىي — ئاۋۋالقى ، باشتىكى ، باشلانغۇچ؛
- ئىبتىلائ — بالاغا يولۇقۇش ،ئازابلىنىش ، مۇپتىلالىق، مەپتۇن بولۇش ،قاتتىق بېرىلىش؛ [بەرقى ئىبتىلائ --- بالا چاقمىقى]؛
- ئىبتىمەك — ئىۋىتمەك ، يۇمشاتماق؛
- ئىبتىھاج — شادلىق ، سۆيۈنۈش ، ھاياجان؛
- ئىبراز — گەۋدىلەندۈرۈش، ئىپادەلەش؛
- ئىبرام — چىڭ تۇرۇش ، قاتتىق تەلەپ قىلىش ؛ تەرسالىق ؛ تىز پۈكمەسلىك ،چىڭ ئېسىلىش؛
- ئىبرانىي — يەھۇدىي ؛ يەھۇدىي تىلى؛
- ئىبرە — ؛(1) خەزىنە كىرىمى ؛ دارامەت؛ (2) يىڭنە ، تىكەن ؛ كۆچمە مەناسى: نەشتەر؛
- ئىبرەت — تەربىيە بولۇپ ئۆتكەن ئىش ، نەمۇنە ، ئۆرنەك ؛ ساۋاق ، ئاچچىق ساۋاق: كۆپلۈكى: ئىبەر ؛
- ئىبرەتبەخش — ساۋاق بەرگۈچى ، ئىبرەتلەندۈرگۈچى؛
- ئىبرىق — ئىۋرىق ، ئاپتۇۋا ؛ سۇيۇقلۇق قاچاسى؛ [ئىبرىقى شىگەرف --- خاسىيەتلىك ئىۋرىق،تېپىلماس ئاپتۇۋا]؛
- ئىبرىي — يەھۇدىي ، يەھۇدىيلارغا تەئەللۇق؛ يەھۇدىي تىلى؛
- ئىبكار — سەھەردە يولغا چىقىش ، سەھەردىلا سەپەرگە ئاتلىنىش؛
- ئىبلىس — شەيتان ؛ ئالدامىچى ، ھىيلىگەر ، مەككار؛ [ئىبلىس شئار --- شەيتان سۈپەت ؛ مەككار،ھىيلىگەر؛ [ئىبلىسى لەئىن --- لەنىتى شەيتا
- ئىبن — ئوغۇل ، ئوغۇل بالا؛ [ئىبنۇلۋەقت ---- ۋاقىت بالاسى ، ھازىرنى ھوزۇرۇم دەپ يۈرگۈچى ،ئەتىنى ئويلىمايدىغان ، كېلەچەك ھەققىدە
- ئىبھام — ئېنىقسىزلىق ، تۇتۇقلۇق ، مۈجمەللىك ، شۈبھە ، گۇمان؛