لۇغەتنى كۆرۈش: و
- ئوشانداغاچە — شۇ يەرگىچە ، ئەشەگىچە ، مەشەگىچە؛
- ئوشانداق — ئاشۇنداق؛
- ئوششاق — ؛«ئاشىق»نىڭ كۆپلكى: ئاشىقلار؛ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ سەككىزىنچىسىنىڭ نامى ، ئوششاق مۇقامى؛
- ئوشمۇنچە — مۇشۇنچە ، شۇنچە ، ئاشۇنچە؛
- ئوشمۇنداق — مۇشۇنداق ، ئاشۇنداق؛
- ئوشمۇندىن — شۇنىڭدىن، مۇشۇنىڭدىن؛
- ئوشۇ — ئاشۇ ، مۇشۇ؛
- ئوشۇقتۇرماق — ئالدىراتماق ، تەمتىرەتمەك؛
- ئوشۇقماق — ئالدىرىماق ، شاپاشلىماق؛
- ئوشۇل — ئۇ ، ئاشۇ ، شۇ؛
- ئوشۇنداغى — شۇ يەردەكى . ئەشەدەكى ؛ مەشەدەكى؛
- ئوغالاماق — ئۇۋاتماق ، ئۇششاقلىماق؛
- ئوغان — قادىر ، قۇدرەتلىك ، كۈچلۈك ؛ كۈچتە تەڭدىشى يوق ، خۇدا ، ئاللاھ ؛ سۆيگەن يار؛ [ئوغان نىم --- ئامرىقىم ؛ خۇدايىم]؛
- ئوغراشماق — ئۇچراشماق ؛ شۇغۇللانماق ؛ ئۇرۇشماق ، ئېلىشماق؛
- ئوغراغ — ئىرادە ؛ قارار قىلىش ، قارار ؛ نىشان ، غايە ، مەنزىل؛
- ئوغراماق — ئۇچراشماق ، ئۇچراتماق ، دۇچ كەلمەك ، يولۇقماق؛
- ئوغرۇلۇق — بەختلىك ، تەلەيلىك؛
- ئوغرى — يوشۇرۇن ؛ يوشۇرۇنغان ، بېكىنگەن؛
- ئوغرىنچە، ئوغرىن — ئوغرىلىقچە ، يوشۇرۇن ، تۇيۇقسىز؛
- ئوغلاغۇ — نازلانغان ، غىلجىڭلىغان؛ جىلۋىلەنگەن ؛ نازاكەتلىك؛
- ئوغلان — بالا، پەرزەنت ؛ موغۇل شاھزادىلىرىنىڭ ئۇنۋانى؛
- ئوغلۇق — ؛(1) بوتىلاق؛ (2)خەندەك؛
- ئوغلۇم
- ئوغۇر — ؛(1) بەخت ، تەلەي ؛ بەرىكەت ؛ تۇمار ، پاناھلىق ، پاسىبان؛ (2) ياغاچ قەدەھ ، كىچىك چۆچەك؛ (3) سەۋەب ، بانا؛ مەزگىل ، چاغ