لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نىگۇسار — ئاستىن - ئۈستۈن؛
- نىگۇن — ئېگىلگەن ، پۈكلەنگەن ، ئاغدۇرۇلغان؛ تەتۈر؛ [سەرنىگۇن --- بېشى تۆۋەن قىلىنغان، ئاغدۇرۇلغان ، بېشى يەرگە ، پۇتى ئاسمانغا ق
- نىگۇنسار — ئاستىن - ئۈستۈن (ئاغدۇرۇلغان ) ھالەتتىكى ، بويسۇنغان ، باش ئەگكەن؛ [نىگۇنسار ئولماق --- ئاستىن - ئۈستۈن بولماق، ئاغدۇرۇل
- نىگۇنسارلىق — ئاستىن - ئۈستۈنلۈك؛
- نىگۇنلىق — ئاغدۇرۇلغانلىق ؛ ئىگىلگەنلىك؛
- نىگىن — ئۈزۈك؛ مۆھۈر، تامغا؛
- نىل — ؛(1) كۆك بوياق ، كۆك رەڭ ؛ (2) كۆزگە سۈرمە قويۇشتا ئىشلىتىلىدىغان مىس سىم؛ نەشتەرگە ئوخشاش ئىنچىكە ، ئۇچلۇق بىر ئەسۋاب؛
- نىلگۇن — نىل رەڭ ، كۆك رەڭ ، كۆكۈش رەڭ؛ [نىلگۇن تارەم --- كۆك رەڭلىك گۈمبەز؛ كۆچمە مەناسى: ئاسمان]؛ [نىلگۇن خىرگاھ --- كۆك رەڭلىك
- نىلۇپەر — سۇدا ئۆسىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك؛ بەزگەك دوراسى؛
- نىلۇفەر — سۇدا ئۆسىدىغان كۆكۈش رەڭلىك بىر خىل گۈل ، سۇ لەيلىسى؛
- نىلۇفەرى — كۆك ، كۆكۈش؛ [نىلۇفەرى ئەيۋان --- كۆك ئايۋان ؛ كۆچمە مەناسى: ئاسمان]؛
- نىلىن،نىلىي — نىل رەڭلىك ، كۆك؛
- نىم — يېرىم؛ [نىم دەۋر--- يېرىم دائىرە]؛ [نىم شەھىد --- يېرىم جان]؛
- نىم بىسمىل — چالا سويۇلغان ، چالا بوغۇزلانغان؛
- نىمەت — ماددى تەمىنات؛ يىمەك-ئىچمەك؛
- نىمەرسە — بىر نەرسە ، نەرسە؛
- نىمبىدار — يېرىم ئويغاق؛
- نىمپەيكەر — يېرىم گەۋەە ، يېرىم گەۋدىلىك سۈرەت؛
- نىمتەرك — بىر تۈرلۈك باش كىيىم؛
- نىمجان — يېرىمجان؛ ئاجىز؛ زەئىپ (نىم-يېرىم)؛
- نىمچە — قىسقا چاپان؛
- نىمخاب — يېرىم ئۇخلاق ، چالا ئۇيقۇ ھالدىكى ، يېرىم ئويغاق؛
- نىمروز — يېرىم كۈن ، چۈش پەيتى؛ ئىراندىكى سىتان ۋىلايىتىنىڭ قەدىمقى نامى؛
- نىمشەب — يېرىم كېچە ، تۈن يېرىمى؛