لۇغەتنى كۆرۈش: ن
- نىتەكى/ نىتەكىم — قانداقتۇر ، نېمە ئۈچۈنكى؛
- نىتەي — نېمە ئېتەي ، نېمە قىلاي؛
- نىتنىڭ — نېمە ئەتتىڭ ، نېمە قىلدىڭ؛
- نىجات — قۇتۇلۇش ، خالاس بولۇش ، ئازاد بولۇش ، ئازادلىق ، قۇتۇلدۇرۇش؛
- نىجاسەت — پاسكىنا نەرسەلەر؛ پوق؛ گەندە؛
- نىجىس — پاكىز بولمىغان؛ ئىپلاس؛
- نىچۈكلەشمەك — قانداق قىلماق ، نېمە قىلماق ؛
- نىچۈن — قانداق؛ قانداقلارچە؛
- نىخ — يۇڭ؛ يىپ قاتارلىقلارنىڭ تالاسى؛
- نىدائ، نىدا — سۈرەن ، قىچقىرىق ، چاقىرىق ، ئۈندەش؛ [نىدا ئەتمەك --- قىچقارماق ، ئۈندىمەك ،چاقىرماق]؛
- نىزا — ئاداۋەت؛ غەۋغا؛ جېدەل؛
- نىزائ — تالاش - تارتىش ، مۇنازىرە ؛ غوۋغا ، جاڭجال ، ئۇرۇش - تالاش ،سوقۇشۇش ، ئۇرۇشۇش؛
- نىزار — ؛(1) بوش ، نازۇك ، ئاجىز؛ (2) ئورۇق ، ئاۋاق ، ياداڭغۇ ، قورۇلۇپ قالغان؛ [نىزار ئولماق ---بوشاشماق ، زەئىپلەشمەك ، يادىما
- نىزارىي — مۇھەببەت ئوتىدا كۆيۈپ ، قورۇلۇپ قالغان؛
- نىزام — تەرتىپ ، رەت ، تۈزۈم ، سىستېما؛ تەشكىل ، قۇرۇلۇش ، تۈزۈلۈش؛ قائىدە؛
- نىزامى مۈلىك — مەملىكەت ئىنتىزامى؛ دەۋلەت قانۇنى؛
- نىسا — خوتۇن ، ئايال؛ [رىجالۇنىسا نىسا --- ئەر - خوتۇن]؛
- نىساب — ئەسل ، ئاساس ، نېگىز ، مەنبە ؛ مىقدار ، ھەسسە ، دەرەجە؛ مال -مەبلەغنىڭ زاكات بېرىش دەرەجەسىگە يەتكەن مىقدارى؛
- نىسار — چېچىش ، چېچىق ، چاچقۇ؛ [دۇرنىسار --- دۇر چاچقۇچى]؛ [زەرنىسار --- زەر چاچقۇچى]؛ [نىسار ئەيلەمەك، نىسار ئەتمەك --- چاچماق؛
- نىسارلىق — چاچقۇ (باشتىن ئۆرۈپ چېچىشقا ئىشلىتىلىدىغان گۈل ياكى پۇل)؛
- نىسبەت — ئالاقە ، مۇناسىۋەت ، باغلىنىش ؛ مەنسۇپلۇق ؛ تۇغقانچىلىق ، قانداشلىق ، قارىنداشلىق ،ئالاھىدەلىك؛ ئوخشاشلىق ؛ تاناسىپ ، نى
- نىسبەت/مىقياس/ سكالە — Scale(ئىسىم/پېئىل)-- ئىسىم شەكلىدە ئۆلچەم نىسبەتى، مىقياس؛ چوڭ-كىچىكلىكى، دائىرىسى؛ تارازا؛ بېلىق قاچىسى؛ مۇزىكا گاممىسى
- نىسبىيلىك — Relativity(ئىسىم)--(1) ئالبېرت ئاينشتاين تەرەپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ماكان، ۋاقىت، كۈتلە ۋە ئېنېرگىيەنىڭ ئابسولۇت ئەمە
- نىسفۇننەھار — مېرىدىيان ، كۈن ئوتتۇرىسى ، چۈش ۋاقتى ، قىيام ۋاقتى؛