لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مىھمانخانا — مىھمانخانا ساياھەتچىلەر، سودىگەر ياكى قىسقا مۇددەتلىك كاماندوروپكا چىققۇچى ئۈچۈن ياسالغان، ئىجارىلىك ئۆي ۋە خىزمەتلەر تە
- مىھماننەۋاز — مېھماندوست ، مېھمانپەرۋەر؛
- مىھمانىي — مېھماندارچىلىق؛ [ئەساسى مىھمانىي --- مېھماندارچىلىق ئۈچۈن كېرەكلىك نەرسەلەر؛ مېھماندارچىلىق قائىدە - يوسۇنلىرى]؛
- مىھنە — خىزمەتچى خادىم؛
- مىھنەت — ؛(1) جاپا - مۇشەققەت ، كۈلپەت ، ئېغىرچىلىق ، قىيىنچىلىق ،بالايىئاپەت؛ (2) ئەمگەك، مەشغۇلات ، خىزمەت ؛ كەسىپ؛
- مىھنەت ئەفزاي — جاپا - مۇشەققەتنى ئاشۇرغۇچى ، قىينىغۇچى؛
- مىھنەتزەدە — بالاغا يولۇققان ، بەختسىز؛
- مىھۋەر — ئايلىنىدىغان نەرسەلەرنىڭ ئوقى ، ئوق؛
- مىيئاد — ۋەدە قىلىنغان ۋاقىت ، قەرەل ؛ ۋەدىلەشكەن ئورۇن ؛ بەلگەلەنگەن يەر ، بەلگەلەنگەن مەزگىل ؛ ۋەدە ، لەۋز ، شەرت؛
- مىيئاد گاھ — ئۇچرىشىشقا ۋەدىلەشكەن جاي؛
- مىيان / مىيانە — ئوتتۇرا ، مەركەز ، بەل ؛ ئوتتۇرىدىكى ، ئارىلىقتىكى ؛ ئوتتۇرا ھېساب؛
- مىيانبەستە — بەل باغلىغان ، بېلى باغلاقلىق ؛ بىرەر ئىشنى بېجىرىشكە نىيەتلەنگەن؛
- مىيانچى — ۋاسىتىچى ، ئوتتۇرىدا تۇرغۇچى ، كېلىشتۈرگۈچى؛
- مىيانچىلىق — ۋاسىتەچىلىك ، ئوتتۇرىدا تۇرغۇچىلىق؛
- مىيانسال — ئوتتۇرا ياشلىق ، ئوتتۇرا ياشتىكى؛
- مىيانگىر — ئوتتۇرا يولچى ، ئۇيانغىمۇ ، بۇيانغىمۇ يان باسماي دەل ئوتتۇرىدا تۇرغۇچى ؛ كېلىشتۈرمىچى؛
- مىينا — شىشە ، مەي شىشىسى ؛ كۆكۈش ، ھاۋارەڭ ؛ سىر ، نەقىش؛
- مىيناكار — شىشىدىن ئىشلەنگەن ، سىرلانغان ، نەقىشلەنگەن؛
- مىينايىي — شىشە رەڭ ، كۆكۈش ، ھاۋارەڭ؛كۆكۈش سىزىق؛ [جامى مىينايىي --- كۆكۈش رەڭ جام]؛ [مىينايىي خەت]؛ [مىينايىي رەڭ --- كۆكۈش رەڭ،
- مىينۇ — يۇقارى ئاسمان ؛ جەننەت ؛ رەڭدار شىشە ؛ زەبەرجەد (كۆك تاش) ؛ [گۇنبەزى مىينۇ --- كۆپكۆك ئاسمان]؛ [جامى مىينۇ --- كۆكۈش جام
- مىيىت — جەسەت؛ مۇردا؛ ئۆلگەن ئادەم؛