لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇلھەم — ئىلھاملانغان ، روھلانغان ، رىغبەتلەنگەن؛
- مۇلھىم — ئىلھام بەرگۈچى ، كۆڭۈلگە سالغۇچى ، قوزغاتقۇچى؛
- مۇلۇك — ؛«مۇلك»نىڭ كۆپلۈكى : پادىشاھلار؛ [ئەجەم مۇلۇكى --- ئەجەم پادىشاھلىرى]؛
- مۇلۇكانە — پادىشاھلارچە ، شاھانە؛
- مۇماس — كېسىشكەن ، تەگكەن ، يېپىشقان ؛ [مۇماس ئولماق --- يېپىشماق ، تېگىپ تۇرماق ، كېسىشمەك]؛ [مۇماس قىلماق --- تەگكۈزمەك ، كېسى
- مۇماسەلەت — ئوخشاشلىق ، شەكىلداشلىق؛
- مۇمانەئەت — قارشىلىشىش ، زىتلىشىش ، تاقابىل تۇرۇش ، قارشى چىقىش؛توسالغۇلۇق ، توسالغۇ؛
- مۇمەددىد — سوزغۇچى، ئۇزارتقۇچى؛
- مۇمەسسىل — ئوخشاتقان ، سېلىشتۇرغان ، دورىغان؛ [مۇمەسسىل بولماق --- ئوخشىماق ، سېلىشتۇرماق ، دورىماق]؛
- مۇمەييىز — ئاجراتقۇچى ، ئايرىغۇچى ، بىر نەرسەنى ئىككىنچى بىر نەرسەدىن ئايرىپ كۆرسەتكۈچى؛ پەرقلەندۈرگۈچى؛
- مۇمتاز — ئىمتىيازلىق ، ئالاھىدە ؛ يۈكسەك ، ئەلا ، ئېسىل ؛ تاللانغان ، خىللاپ ئېلىنغان ، سەرخىل؛ [مۇمتاز قىلماق، مۇمتاز ئەتمەك ---
- مۇمتازا — تاللانغان؛كۆزگە يېقىن؛ئىلغانغان؛
- مۇمتەدد — سوزۇلغان ، ئۇزارتىلغان ، ئۇزارغان؛ [مۇمتەدد بولماق --- سوزۇلماق ، ئۇزارماق]؛ [مۇمتەدد زامان --- ئۇزاق زامان]؛
- مۇمتەلى — لىق تولغان ، تولۇق؛ تويۇنغان ؛ كۆپكەن؛
- مۇمتەنىئ — مەنئى قىلىنغان ، چەكلەنگەن ، ئىمكانسىز ، ئېرىشكىلى بولمايدىغان؛ [مۇمتەنىئ بولماق --- چەكلەنمەك ، ئىمكانسىز بولماق]؛ [مۇم
- مۇمتەھىن — ئىمتىھان ئالغۇچى ، سىناپ كۆرگۈچى ، سىنىغۇچى؛
- مۇمكىن — مۇمكىن بولىدۇ ، ئىمكانىيەتى بار؛
- مۇمكىنات — مۇمكىنچىلىك ، ئىمكانىيەت ؛ يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىشلار؛
- مۇمكىنۇل ۋۇسۇل — ئېرىشىش مۇمكىن بولغان نەرسە ، ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە؛
- مۇمىدد — ياردەمچى ، ياردەم قىلغۇچى ، مەدەت بەرگۈچى؛ [مۇمىدد بولماق --- مەدەتكار بولماق ،ياردەم بەرمەك]؛ [مۇمىدد كەبىر --- زور يار
- مۇمىلل — مالاللىق كەلتۈرىدىغان ، زېرىكتۈرىدىغان ؛ كىشىنىڭ چىشىغا تېگىدىغان ، كىشىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان ، بىمەززە؛
- مۇنئەتىف — بۇرالغان ، مايىل بولغان ؛ ئېگىلگەن ؛ قاتلانغان؛
- مۇنئەقىد — باغلانغان ، ئۇيۇتۇلغان ، تۈزۈلگەن ، قول قويۇلغان (كېلىشىم )؛ ئۆتكۈزۈلگەن (يىغىن) ؛ [مۇنئەقىد بولماق --- باغلانماق ؛ ئىمز
- مۇنئەكىس — ئەكس ئەتكەن ، ئىنكاس قايتۇرغان ، ئىنكاس؛ [مۇنئەكس بولماق --- ئەكس ئەتمەك]؛