لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مۇكەييىف — مەست قىلىدىغان ، خۇش كەيپ قىلىدىغان؛
- مۇكتەسەب — ئېرىشىلگەن ، ئىشلەپ تېپىلغان ؛ ئىش ھەققى ، مائاش ؛
- مۇكتەسىب — ئېرىشكۈچى ، ئىشلەپ تاپقۇچى ، پۇل تاپقۇچى ، تىرىكچىلىك قىلغۇچى؛
- مۇكرىم — ھۆرمەت قىلغۇچى ، ئىززەتلىگۈچى؛
- مۇكنەت — قۇۋۋەت ، قۇدرەت ؛ بايلىق ، دۆلەت؛
- مۇڭايماق — مۇڭلانماق ، قايغۇرماق ، غەمكىن ، كۆرۈنمەك؛
- مۇڭراماق/مۇڭراشماق — مۇڭلۇق ئاۋاز چىقارماق ، مۇڭلۇق يىغلىماق؛
- مۇڭرايماق — مۇڭلانماق ، قايغۇ - ھەسرەتكە چۆكمەك؛
- مۇڭلۇغ — مۇڭلۇق ، قايغۇ - ھەسرەتلىك ، غەمكىن ، تەسىرلىك؛
- مۇل — مەي ، شاراب ؛
- مۇلائىب — ئويۇنچى ، چاقچاقچى ، مەسخىرىۋاز؛
- مۇلازەمەت/مۇلازىمەت — بىللە بولۇش ، ھەمراھلىق ؛ خىزمەت ، خىزمەتكارلىق؛ [مۇلازەمەت قىلماق --- خىزمەت قىلماق ، خىزمەتتە بولماق ، قۇللۇق ئىزھار ق
- مۇلازىم — خاس خىزمەتكار ، بىللە يۈرگۈچى ؛ ھەمراھ بولغۇچى؛
- مۇلازىملىق — خاس خىزمەتكارلىق ، مۇلازىملىق ؛ مۇلازىمى بار ؛
- مۇلازىمېتىر — Server(ئىسىم)-- كومپيۇتېر تورىدا باشقا كومپيۇتېرلار (مۇلازىمەتچىلەر/clients) غا خىزمەت، مەلۇمات، رېسۇرس ياكى قوللىنىشچان
- مۇلازىمىن — ؛«مۇلازىم»نىڭ كۆپلۈكى : مۇلازىملار ، ساراي خىزمەتچىلىرى؛
- مۇلاسىق، مۇلسەق — جىپسىلاشقان ، يېپىشقان ، چاپلاشقان ، قوشۇلغان؛ [جان مۇلاسىق ئەيلەمەك --- جان كىرگۈزمەك ، جانلاندۇرماق]؛
- مۇلاقات — ؛«مۇلاقەت»نىڭ كۆپلۈكى: ئۇچرىشىشلار ، كۆرۈشۈشلەر ، يولۇقۇشلار؛
- مۇلاقەت — ئۇچرىشىش ، كۆرۈشۈش ، يولۇقۇش؛ [مۇلاقەت قولماق --- يۈز كۆرۈشمەك ، ئۇچراشماق]؛
- مۇلاقىي — ئۇچراشقۇچى ، كۆرۈشكۈچى ، يولۇققۇچى؛
- مۇلاھەزە — مۇلاھىز، ، ئىنچىكىلەپ قاراش ، دىققەت بىلەن كۈزىتىش ، ئويلاش؛
- مۇلاھىز — مۇلاھىزە قىلغۇچى ، ئويلىغۇچى ، پىكىر قىلغۇچى؛ ئېتىبار قىلغۇچى ، ئىنچىكە كۆزەتكۈچى؛
- مۇلاھىزە — ئوي-پىكىر؛پىكىر يۈرگۈزمەك؛ ئىنچىكەچۈشەنمەك؛
- مۇلايىم — مۇناسىپ ، مۇۋاپىق ۋە توغرا كېلىدىغان ، ئۇيغۇن ، مۇلايىم؛