لۇغەتنى كۆرۈش: م
- مەزاھىب — ؛«مەزھەب»نىڭ كۆپلۈكى : مەزھەپلەر ، ئېقىملار ، گۇرۇھلار؛
- مەزاھىپ — يوللار؛
- مەزاھىر — ؛«مەزھەر»نىڭ كۆپلۈكى : تاشقى كۆرۈنۈشلەر ، بىر نەرسەنىڭ كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان جايلىرى؛ ئىپادىلەر، گەۋدىلىنىشلەر؛
- مەزە — تەم ؛ شاراب يېمىكى ، زاكوسكا ؛
- مەزەررەت — زەرەر ، زىيان؛
- مەزەللەت — خارلىق ، خورلۇق ؛ تۆۋەنلىك ، پەسلىك؛ [مەزەللەت خاكدانى --- تۆۋەنلىك ئۆيى، خارلىق يېرى]؛
- مەزەممەت — سۆكۈش ، ئەيىبلەش ، خورلاش ؛ قارىلاش ؛
- مەزبەلە — ئەخلەت دۆۋىسى ، ئەخلەتخانا ؛ ھاجەتخانا؛
- مەزبۇت — ئىشغال قىلىنغان ، قولغا ئېلىنغان ؛ خاتىرىدە ساقلانغان ، ئەستە ساقلانغان؛ قەيت قىلىنغان، تەكرارلانغان؛ مۇستەھكەم، بېكەتىل
- مەزبۇر — يېزىلغان ، پۈتۈلگەن؛ مەزكۇر ، يۇقارىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەن؛
- مەزبۇھ — سويۇلغان ، ئۆلتۈرۈلگەن ، بوغۇزلانغان؛ [مەزبۇھ ئەيلەمەك --- سويماق ، بوغۇزلىماق]؛
- مەزج — ئارىلاشتۇرۇش ؛ ئارىلىشىش؛ [مەزج تاپماق --- ئارىلاشماق]؛ [مەزج قىلماق --- ئارىلاشتۇرماق]؛
- مەزرەئ ، مەزرەئە — ئېتىزلىق ، تېرىلغۇ مەيدانى ، ئېكىنزار؛
- مەزرۇئ — تېرىلغان ، تېرىلغۇ ، تىكىلگەن ؛ تېرىلغۇ يەر؛ [مەزرۇئ ئەتمەك --- تېرىماق ، ئېكىمەك ،ئېكىنزار قىلماق]؛
- مەزرۇئات — ؛«مەزرۇئ»نىڭ كۆپلۈكى : تېرىلغۇلار ، ئېكىنزارلار ،تېرىلغان يەرلەر ؛ زىرائەتلەر؛
- مەزرۇب — ئۇرۇلغان ، زەربە بېرىلگەن ، سوقۇلغان؛
- مەزرۇف — قاچا ئىچىدەكى نەرسە ، قاچىلانغان نەرسە ، ئېغىزى چاپلانغان خەت ،لىپاپ ئىچىدەكى خەت؛
- مەزكۇر — سۆزلەپ ئۆتۈلگەن ، ئېيتىپ ئۆتۈلگەن ، زىكرى قىلىنغان ، تىلغا ئېلىنغان ، بايان قىلىنغان؛ [مەزكۇر ئەيلەمەك، مەزكۇر قىلماق --
- مەزلۇم — ئېزىلگۈچى ، زۇلۇم تارتقان ، ئېزىلگەن؛
- مەزلۇمكەش — ئۆتۈپ كەتكەن زالىم ، ئەزگۈچى؛
- مەزمۇت — پۇختا پىششىق؛ ساغلام؛
- مەزمۇم — ؛(1) نەپرەتلىك ، يامان ، ئوسال ؛ ئەيىبلەنگەن ، نەپرەتكە ئۇچرىغان؛ (2) ئەرەبچە سۆزلەردىكى ئۈستىدە پەش كەلگەن ھەرپ، زەممىل
- مەزمۇن(كونتېكىست) — ؛"Context" نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى "مەزمۇن" ياكى "كونتېكىست" (سۆز ياكى ۋەزىيەتنىڭ ئەتراپىدىكى شارائىت ياكى مەنا مەزمۇنىنى
- مەزمۇن/رازى — Content دېگەن سۆز تەلەپپۇزىغا قاراپ ئىككى پەرقلىق مەنادا ئىشلىتىلىدۇ: 1. Content /ˈkɒntent/ (ئىسىم): بىر ئەسەر، ۋېب بەت،