لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كامكار،كامگار — بەختىيار، مۇرادىغا يەتكەن ؛ بەھرىمەن ؛ ھۆكۈمران؛
- كامكارانە — شاھانە ، ھۆكۈمرانلارچە؛
- كامگاھ — مەقسەت جايى ، بارىدىغان جاي ؛ قەبرىستان؛
- كامگىر — بەھرە ئالغۇچى ؛ شادلانغۇچى؛
- كامۇت — تارتمىلىق ئىشكاپ؛
- كامۇفەراغ — ئىستەك ۋە تىنچلىق؛
- كامۇفلاژ — Camouflage(ئىسىم / پېئىل)-- بىر ئادەم، ھايۋان ياكى نەرسەنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ئوخشاپ كېتىدىغان رەڭ، نەقىش ياكى شەكىل ئ
- كامۇناكام — خالار - خالىماس ، ئىستەر - ئىستىمەس؛
- كامېرا — كامېرا(Camera) يورۇقلۇقنى قوبۇل قىلىپ، سۈرەت ياكى ۋىدىئو خاتىرە قىلىدىغان ئوپتىكىلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، فوتوگرافىيە ۋە ۋىدىئ
- كامى — ئارزۇ؛ مەقسەت؛
- كامى دىل — كۆڭۈل ئىستەكى ، بەھر ، لەززەت؛
- كامى شۇھۇد — ھەممە ئىشتا ئاللاھنى كۆرۈش (تەسەۋۇۋپتا)؛
- كامىران — مەقسەتكە يەتكەن؛
- كامىل — يېتىك ، تولۇق ، كەمچىلىكسىز ، مۇكەممەل ، كامالەتكە يەتكەن؛ [كامىل ئىيار --- تولۇق ساپلاشتۇرۇش ؛ تولۇق ساپلىنىش ، كامالەت
- كامياب — ئۆز مەقسىتىگە ئېرىشكەن ، مۇرادىغا يەتكەن ، بەختىيار؛ [كامياب بولماق --- مۇرادقا يەتمەك]؛
- كانار — قىرغاق؛ گۆش ئاسىدىغان ۋە ئېسىپ قۇيۇپ پارچىلايدىغان تۆمۈر ئىلمەكلىك جازا*؛
- كانال (قانال)؛ — سۈنئىي دەريا؛ ئۆستەڭ؛
- كانجا — قىشلىق سۇغارماق؛ يەرگە توڭ ياتقۇزماق؛
- كاندىدات — بىرەر يەرگە سايلاش،بىرەر تەشكىلاتقا ئېلىش ئۈچۈن ياكى خىزمەتكە ئېلىش ئۈچۈن بەلگەلەنگەن ياكى پىلانلانغان كىشى؛
- كاندىك — تۆت چاسا پارچە-پارچە يەر؛ ئېتىز؛
- كانسېللاتسىيە — Cancellation(ئىسىم)--ئىلگىرى پىلانلانغان، تەكلىپ قىلىنغان ياكى ماقۇللانغان بىر ئىش، پائالىيەت، شەرتنامە ياكى خىزمەتنى رە
- كانىي — قېزىلما ماددالار ، كان بايلىقى ، قېزىپ ئېلىنغان نەرسەلەر؛
- كاھ — سامان؛ [كاھ چەكمەك --- ساماننى تارتىپ ئالماق (كەھرىۋا توغراسىدا) ]؛
- كاھگىل(كاكۇل) ؛ — كاھ - سامان؛ گىل - لاي؛ سامانلىق لاي مەناسىدە؛