لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كىنايە — بىر چۈشەنچەنى ئىككىنچى بىر چۈشەنچە بىلەن چۈشەندۈرمەك؛ دارىتما گەپ؛
- كىنايەت(كىنايە) — كىنايە، دارىتما سۆز، ئىمالىق سۆز ياپتا گەپ؛
- كىنە(گىنە)؛ — ئۆچ؛ ئاداۋەت؛ دودىسى تۇتۇش؛
- كىنو — كىنو ژانىرلىرى: (ۋەھىمە-- Horror)، (پىسخولوگىيەلىك ۋەھىمە--Psychological Horror)، (كومېدىيە --Comedy)، (قارا كومېدىيە--D
- كىۋۈرمەك — ق. كىيۈرمەك؛
- كىۋى — مىۋە تۈرى؛
- كىي — شېئىردا ۋەزن ئېھتىياجىدىن «كى ، ئەي »نىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى؛
- كىياسەت — زېرەكلىك ، زەكىيلىك ، ھوشيارلىق ، ئاگاھلىق؛
- كىيسە — ھەميان ، چۆنتەك؛ قەدىمىي ئەمەلدارلار كەمەرلىرىگە ئېسىپ يۈرۈيدىغان خەت خالتىسى؛
- كىيسە دوزلۇق — ھەميان تىككۈچىلىك ؛ خەت خالتىسى تىككۈچىلىك؛
- كىيسەدوز — ھەميان تىككۈچى ، خەت خالتىسى تىككۈچى؛
- كىيگۈلۈك، كىيگۈلىك — كىيىم؛
- كىيلە — مايماق ، ئەگرى؛
- كىين، كىن ،كىنە، كىينە — ئۆچمەنلىك ، دۈشمەنلىك ، ئاداۋەت ، غۇم ؛ كۆرەلمەسلىك ، نەپرەت؛جەڭ؛ [ھەنگامى كىين --- جەڭ پەيتى]؛
- كىينە پەرداز — ئاداۋەت ساقلىغۇچى ، دۈشمەنلىك قىلغۇچى ، ئۆچ ئالغۇچى ، قىساسچى؛ (كىينە پەرداز = كىنەپەرداز = كىينە خاھ = كىينە سەنج =كىين
- كىيۈرماك — كىرگۈزمەك؛
- كىيىز — كىگىز؛ [كىيىز ئۆي --- كىگىز ئۆي]؛