لۇغەتنى كۆرۈش: ك
- كورەگانلىق — كوراگانلىق (خانغا كۈيۈ ئوغۇللۇق)؛
- كورەگانىي — كوراگانغا تەئەللۇق ؛ كوراگان نەسلىدىن ؛ كوراگانچە؛ [زىجى كورەگانىي--- كورەگانىي تۈزگەن ئاسترونومىيەلىك كالېندار]؛
- كورپۇس
- كورنەمەك — تۇزكور ، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان؛
- كوزنەك — يىڭناغۇچ ؛
- كوزىروك — شەپكە ئالدى ياكى چېكىلىكى؛
- كوژ/كوز — ئېگىلگەن ، پۈكۈلگەن ، دۈمچەيگەن؛
- كوژپۇشت/كوزپۇشت — دۈمچەك ، دوك؛
- كوس — چوڭ ناغرا ؛ پادىشاھ قەسرىدە چېلىنىدىغان چوڭ ناغرا ، دۇمباق؛ [كوسى دەۋلەت چالىنماق --- دەۋلەتكە ئىگە بولماق ، پادىشاھ بول
- كوسە — كوسا؛
- كوسەۋ — ئوت قالايدىغان ئەسۋاب ، كۆسەي؛
- كوسزەن — ناغرا چالغۇچى ، دۇمباقچى؛
- كوسموپولت — "كوسموپولىت"--سۆزى كۆپ خىل مەدەنىيەت، خەلق ۋە ئادەتلەر بىلەن ئارىلاشقان، دۇنياۋى كۆز قاراش ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە كىش
- كوسموپولىتىزىم — ۋەتەنپەرۋەرلىكنى رەت قىلغۇچى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى تەرغىپ قىلغۇچى؛ ئۇلۇسال ۋە مەدەنىي ئەنئەنەلەرنى ئىنكار قىلغۇچى نەزەرى
- كوسمولوگىيە — Cosmology(ئىسىم)-- كائىناتنىڭ كېلىپ چىقىشى، تەرەققىياتى، تۈزۈلۈشى، تەبىئەتى ۋە ئاقىۋىتىنى، يەنى كائىنات ئىلمىنى تەتقىق ق
- كوسى دەۋلەت — دەۋلەت ناغرىسى؛ [كوسى دەۋلەت چالىنماق --- دەۋلەتكە ئىگە بولماق ، پادىشاھلىق ئېلان قىلماق]؛
- كوسى رىھلەت — يۈرۈش ناغرىسى؛
- كوش — ھەرىكەت قىلىش ، بىر ئىشنى بېجىرىشكە ئىنتىلىش؛
- كوشىش — ھەرىكەت ، تىرىشىش ، ئۇرۇنۇش ، بىر ئىشنىڭ كويىدا بولۇش؛ [كوشىش قىلماق ---ھەرىكەت قىلماق ، تىرىشماق]؛
- كوفت — ؛(1) ئۇرۇلۇش ، سوقۇلۇپ كېتىش ، سوقۇلۇپ كېتىپ يارىدار بولۇش؛ھالسىزلىنىش؛ [كوفت تاپماق --- زىدىلەنمەك ، سوقۇلۇپ يارىلانماق
- كوفتە — يانچىلغان ، ئۇرۇلغان ، ئېزىلگەن ، زىدىلەنگەن ، سوقۇلۇپ يارىدار بولغان ، ھېرىپ ھالى قالمىغان؛ ھالسىزلانغان؛
- كوكا-كولا — Coca-Cola(ئىسىم، تاۋار نامى)--دۇنيانىڭ ئەڭ مەشھۇر ۋە كەڭ تارقالغان گازلىق ئىچىملىك ماركاسىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ. 1886-يىل
- كوكۇلا — چېكىگە چۈشكەن چاچ؛ ياغاق چاچ؛
- كوكىس — ھاۋا كىرگۈزمەستىن كۆيدۈرۈش يولى بىلەن كۆمۈر ۋە تاش كۆمۈر قاتارلىقلاردىن ھاسىل قىلىنغان يېقىلغۇ؛