لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قىبەل — تەرەپ ، ياق؛
- قىبلە — مۇسۇلمانلارنىڭ نامازدا يۈزلىنىدىغان تەرەپى؛ مۇراجىئەت ئورنى؛مەركەز؛ [قىبلەئى ئالەم ---ئالەمنىڭ مەركىزى]؛
- قىبلەتۇلكۇتتاب — كاتىپلار مۇراجەتگاھى؛ ھۆسنخەت يازغۇچىلارنىڭ پېشۋاسى؛
- قىبلەگاھ/قىبلەگەھ — يۈزلىنىدىغان نىشان . مۇراجىئەتگاھ؛ كۆچمە مەناسى: ھامىي ، مۇھاپىزەت قىلغۇچى ؛ ئاتا؛
- قىپماق — قوغلىماق ، سۈرۈشتۈرمەك؛
- قىتئە — پارچە ، بۆلەك ، قىسىم ، ئابزاس ، شېئىرىي پارچە ؛ قۇرۇقلۇق ، يەرشارىنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى؛
- قىتات — ساقال-بۇرۇت، چاچ قاتارلىق مويلۇق نەرسەلەرنى قارايتىشتا ئىشلىتىلىدىغان بوياق؛
- قىتاتلىماق — قىتات بىلەن بويىماق؛
- قىتال — جەڭ ، ئۇرۇش ، قىرغىن ، ئۆلتۈرۈش؛
- قىتەئ — ؛«قىتئە»نىڭ كۆپلۈكى : قىتئەلەر ، پارچىلار؛
- قىتمال — ھۇرۇن؛ ئېرىنچەك؛
- قىتمىر/قىتمار — قالدۇق ، ئاخىر ، ئەڭ كەينى ، ئۇششاق ئىش ، ئەرزىمەس نەرسە؛ [نەقىرۇ قىتمىرىغەچە ---باشتىن - ئاخىرغىچە]؛
- قىتىغۇر (قىتىغىر)؛ — كۆرەلمەس؛ ئىچى يامان؛ چىقىشالمايدىغان؛
- قىتىق — قاتتىق باغلانغان ؛ قىستاڭ ، تار؛
- قىتىقلاماق — سايرىماق؛
- قىتىلماق — قۇرۇق گەپ قىلماق ، لاپ ئاتماق؛
- قىچا يېغى
- قىچارماق — ۋارقىرىماق ، شاۋقۇن سالماق ، چاقىرماق؛
- قىچقىرىن — قىچقىرىق ، شاۋقۇن ، نالە؛
- قىچماق — تاتىلىماق؛
- قىچىماق — قىچىشماق؛
- قىدەم — قەدىمقى ، كونا ، ئەڭ بۇرۇتقى ؛ قەدىمقى زامان؛ [دەريايى قىدەم --- قەدىمىي دەريا]؛
- قىدەمىييەت — قەدىمىيلىك ، زامانى ئەۋۋەلگە خاسلىق؛
- قىدمەت — ق . قەدەمىييەت؛