لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قۇلچاقچى — چىشى كېيىك؛
- قۇلزۇم — قىزىل دېڭىز؛ دېڭىز؛
- قۇلغاق — قۇلاق؛
- قۇلفۇل — قارامۇچ؛
- قۇلقۇل — مەي قۇيۇلغاندا چىققان ئاۋاز؛
- قۇللاب — قارماق ، ئىلمەك ، ئىلغۇچ ، ئەگمە؛
- قۇللابكەش — چاڭ سالغۇچى ، چاڭگال سالغۇچى ، ئىلىندۇرغۇچى؛ئالدىغۇچى؛
- قۇللابۋەش — قارماقتەك ، ئىلمەككە ئوخشاش؛
- قۇللاپ — قارماق؛ چاچنىڭ ھالقاسى؛ چاچتەڭگە؛
- قۇللە — چوققا ، تاغ چوققاسى ، مۇنارنىڭ ئۇچى؛ كۆچمە مەناسى: چوقچىيىپ تۇرغان نەرسە؛ [قۇللە-قۇللە --- دۆۋە - دۆۋە ، پومزەك - پومزەك
- قۇللۇق،قۇللۇغ — قۇللۇق؛ [قۇللۇق بۇيۇرماق --- قۇللۇق قىلىشنى بۇيرۇماق]؛ [قۇللۇققا خەت بەرمەك ---ئۆزىنى گۆرۈگە قويماق ، ئۆزىنى ساتماق]؛
- قۇللۇقچى — خىزمەتكار؛
- قۇللۇقماق — بەندىلىك قىلماق ، قۇللۇق قىلماق؛
- قۇلماق — گۈلىدىن بولكا،نان قاتارلىقلارنىڭ ئېچىتقۇسى ئىشلىنىدىغان ئۆسۈملۈك؛
- قۇلۇب — ؛«قەلب»نىڭ كۆپلۈكى(ئىككىنچى «ئۇ» ئۇزۇن سوزۇق): قەلبلەر ، يۈرەكلەر ، مەركەزلەر؛ [شورۇھۇل قۇلۇب --- قەلبلەر شەرھى (ئاماننى
- قۇلۇق — سەللە؛
- قۇلۇم — جوجە ؛
- قۇلۇن — جوجە ، تاي؛
- قۇلۇنج — تولغاق كېسەلى ، سانجىق؛
- قۇم قەغەز
- قۇمار — قىمار؛
- قۇمارباز — قىمارۋاز؛
- قۇمارغال، قۇمارغا — قورشاۋ ، مۇھاسىرە؛ ئورالغان ، قورشالغان جاي؛
- قۇمارماق — قورشاپ ئالماق ، چۆرىدىمەك ، قومارماق؛