لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قوپارماق — كۆتۈرمەك ، تۇرغۇزماق ، تىكلىمەك، (ئۆي ) سالماق؛ يۇلماق ، قازماق ، قومارماق ،قوزغىماق ، ئالىپ تاشلىماق؛
- قوپارىلماق — كۆتۈرۈلمەك ، تۇرغۇزۇلماق ، قوپۇرۇلماق ، قومۇرۇلماق؛
- قوپان — ئۇلۇغ ، زور ، غالىب ، يېڭىلمەس ، قۇدرەتلىك؛
- قوپانليق — ئېگىزلىك ؛ چۈش ۋاقتى؛
- قوپتى - ئالدى — بىر خىل ئوشۇق ئويۇنى؛
- قوپساماق — ساز چالماق ، ناخشا ئېيتماق؛
- قوپقا — چىلەك؛ يۇلتۇز نامى؛
- قوپماق — قوزغالماق ، تۇرماق ، كۆتۈرۈلمەك (بوران ) چىقماق ؛ چېكىنمەك ، قايتماق؛ [يەل قوپماق --- شامال چىقماق ، بوران چىقماق]؛
- قوپۇر — قاچا؛ قاپ؛
- قوپۇرجۇق — قاپچۇق؛
- قوپۇشلە — خۇشپۇراقلىق بىر خىل چۆپ؛
- قوپۇق — ئۇتۇق؛
- قوتاز — قوتاز--يەنە بىر ئاتىلىشى «قامچى»--- چوڭ، ئۇزۇن تۈكلىك سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، Bos grunniens دېگەن تۈرگە تەۋە. ئۇ كۆپىن
- قوتاس — ؛(1) ئاتنىڭ يايلىسىغا ياكى قۇيرۇقىغا ئۆتكۈزۈلىدىغان ، ئالتۇندىن ئىشلەنگەن زىننەت بۇيۇمى؛ (2) قوتاز؛
- قوتالماق — پو ئاتماق ، لاپ ئۇرماق؛
- قوتان — لەگلەكسىمان بىر خىل قۇش؛
- قوتوسىنتېز — يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۈن نۇرى ياردەمى بىلەن ئوزۇقلىنىش جەريانى؛
- قوتۇر — قوتۇر ؛ تەكشىسىز ؛ توكۇر ؛
- قوتۇرماق — قوتور بولماق؛
- قوجا — بوۋاي ، قېرى ، ئەر . ئەر كىشى ، كۈيەۋ ؛ چوڭ . زور؛
- قوجىن — ئايال؛
- قوچ — قوشقار ؛ كۈچلۈك ، سېخىي؛
- قوچا — ق. قوجا، كۈچلۈك؛
- قوچاق — ئەزىمەت ، باتۇر ، جەڭچى ؛ قەھرىمان ؛ تەجرىبەلىك؛