لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قابۇرغا — قوۋۇرغا؛
- قابۇرماق — شاۋقۇن كۆتۈرمەك ، ھۇۋلىماق ، ھۆركىرىمەك ، گۈركىرىمەك ؛ ۋارقىرماق؛
- قابۇز — قوبوز (چالغۇ) ؛
- قابۇزاغ — پوست ، شاكال ، قوۋزاق؛
- قابۇق/ قابۇغ/قەبۇغ — پوست ، قوۋزاق ، شاكال؛
- قابۇقلۇق/ قابۇغلىغ — پوستلۇق ، شاكاللىق؛
- قابى قەۋسەين — ئىككى يا (كامان ) ئارىلىقى ، ئىككى يا ئارىلىقىچىلىك (ئارىنىڭ يېقىنلىقىغا كىنايە) ؛
- قابىز — ؛(1)جان ئالغۇچى؛ قولغا ئالغۇچى ، تۇتقۇچى ؛ (2) ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدىغان؛
- قابىزۇل ئەرۋاھ — جاننى ئالغۇچ؛
- قابىل — ئىقتىدارلىق؛ ياراملىق؛
- قابىلىيەت — Ability(ئىسىم)--شەخسنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىش ياكى ئورۇنداشتىكى كۆرسەتكەن يۇقارى ماھارىتى ياكى يوشۇرۇن كۈچىنى بىلدۈرىدۇ (مەس
- قابىلىيەت/ئىقتىدار — Capability(ئىسىم)--بىرسىنىڭ ياكى بىر نەرسەنىڭ مەلۇم ئىشنى قىلىش، مەلۇم نەتىجەگە يېتىش ياكى ۋەزىپەنى ئورۇنداش ئىقتىدارى،
- قاپا قالماق — چۆرىدىمەك ، مۇھاسىرە قىلماق؛
- قاپاغ — قاپقاق ؛ قاپاق؛
- قاپاغان — قۇۋ؛
- قاپاق — [چاغاتايچە مەناسى: (1) ئېلىشما ، چېلىش ، جەڭ؛ (2)پىروپكا ، قاپقاق ؛ باش كېمە]؛
- قاپاق(چىراي) — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- قاپاقلاماق — قاپقاق بىلەن ياپماق ، بېكىتمەك ، چىڭىتماق؛
- قاپالماق — يوشۇرۇنماق ، بۆكمەك ، بېكىنمەك ، ئوراپ ئالماق ، قورشىماق؛
- قاپان — زور تارازا (ئۆلچەم )؛
- قاپتاغ — ئاشلىق؛
- قاپتال — ئەتراپ ، باغر ، تەرەپ؛
- قاپتان — چاپان؛
- قاپتۇرغاي — چوڭ تاغار ؛ چوڭ كاسە ؛ خالتا؛