لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قايۇ — قايسى ، ھەرقايسى؛
- قايىد — قاماقخانا قاراۋۇلى ، گۇندىپاي؛
- قايىمۇللەيل/قائىمۇللەيل — تۈن بويى تىك ئولتۇرۇپ چىققۇچى ، ئويغاق ، بىدار كېچەسى قىيامدا تۇرغۇچى؛
- قەئر — ئاست ، تەكت؛ [قەئر چاھ --- قۇدۇقنىڭ ئاستى]؛
- قەئقەئە — شاراقلىغان ئاۋاز ، شىرىقلىغان سادا؛
- قەبا — پېرىچە؛ كەمزۇل؛ چاپان؛
- قەبائ — ئۇزۇن چاپان ، تون؛
- قەبائىل/قەبايىل — ؛«قەبىلە»نىڭ كۆپلۈكى : قەبىلىلەر؛
- قەباچە — كالتە چاپان؛
- قەبال — پاشنىغا ئورنىتىلىدىغان تاسما ، دىۋىتكۈچ بېغى؛
- قەبالات — ؛«قەبالە»نىڭ كۆپلۈكى : مەسئۇلىيەتلەر ، مەجبۇرىيەتلەر؛ ۋەسىقىلەر ، كېلىشىملەر؛
- قەبالە — مەسئۇلىيەت ، بۇرچ ، مەجبۇرىيەت ؛ ۋەسىقە ، كېلىشىم؛
- قەباھەت — قەبىھلىك ، يامانلىق ، سەتلىك ، كۆرۈمسىزلىك ؛ يۈزسىزلىك ،شەرمەندەلىك؛
- قەبر پوش — قەبرە ئۈستىگە يېپىلىدىغان يوپۇق؛
- قەبرتاش — خەت ئويۇپ قەبرە ئۈستىگە قويۇلىدىغان تاش ، قەبرە تېشى؛
- قەبز — تۇتۇش ، تۇتاملاش ، تۇتۇۋېلىش؛ [قەبز قىلماق --- تۇتماق ،قولغا ئالماق ، ئالماق]؛
- قەبزە — چاڭگال ، ئالىقان؛ بىر نەرسەنىڭ دەستىسى، سېپى ؛ تۇتام ، بىر تۇتام؛ [قەبزەئى ھۆكم --- قول ئاستى ، ھۆكۈمرانلىق]؛
- قەبىلەچىلىك — Tribal(سۈپەت)--قەبىلە، ئۇرۇق، تايپا ياكى ئەنئەنىۋى ئىجتىمائىي گۇرۇپپالارغا مۇناسىۋەتلىك خاسلىقلارنى بىلدۈرىدۇ. بۇ سۆز ھە
- قەبىھ — سەت ، كۆرۈمسىز ، ئوسال ، يۈزسىز ، شەرمەندە؛ ئەشەددى؛ چېكىدىن ئاشقان؛
- قەبىھە — ؛«قەبىھ»نىڭ ئايال سىغا شەكلى؛ يۈزسىزلىك ، شەرمەندەلىك ، قەبىھلىك ، ياۋۇزلۇق؛سەتلىك، كۆرۈمسىزلىك؛
- قەپان/قەپپان — ئاشلىق ئۆلچەيدىغان چوڭ گىر؛
- قەپەس — Cage(ئىسىم/پېئىل)--ھايۋان، قۇش ياكى باشقا جانلىقلارنى ساقلاش، چەكلەش ئۈچۈن سىم، تۆمۈر ياكي تاياقچىلاردىن ياسالغان توسالغ
- قەتئ — كېسىش ، ئۈزۈش ، توختاتىش ، يول بېسىش ، يۈرۈش ، كېزىش؛ [قەتئ ئەيلەمەك، قەتئ قىلماق، قەتئ ئەتمەك --- كەسمەك ؛ يۈرمەك ، كەز
- قەتئان — ھېچقاچان ، ئەسلا ، مۇتلەق؛