لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قاۋاماق — تالىماق ، قوغلىماق ؛ قورشىماق؛
- قاۋدى ئولماق — قوغلاندى بولماق ، قوغلانماق؛
- قاۋزاماق — قېزىلماق ، كولانماق؛
- قاۋشاق — پوتا ، بەلباغ ؛ سۇس ، بوش؛
- قاۋشاماق — بەلباغ باغلىماق ؛ بوشىماق ، سۇسلاشماق؛
- قاۋغا — قۇدۇقتىن سۇ تارتىدىغان سوغا؛
- قاۋغاماق — قوغلىماق ، ھەيدىمەك؛
- قاۋغۇن — سۈرگۈن ، قوغلىنىش ، سۈرگۈن قىلىنىش ؛ قوغلاش ، كەينىگە چۈشۈش؛
- قاۋغۇنچى — قوغلىغۇچى ، قوغلىغۇچى قوشۇن ؛ قوغلاپ زەربە بەرگۈچى ؛ پايلاقچى؛
- قاۋلاماق — قوغلىماق؛
- قاۋماق — توسماق؛
- قاۋۇجاق — كۆلەڭگە ، سۈرەت ، ئويۇن سۈرەتلىرى ؛ بالالار ئويۇنچۇقى ، بالالار ئويۇنى؛
- قاۋۇداق — قورۇما ، قورۇلغان گۆش ، قورداق؛
- قاۋۇر — ئەسلىسىز ، ئاساسسىز ؛ كۆلەڭگە سۈرەت؛
- قاۋۇرچاق — قوچاق؛
- قاۋۇرچاقچى — قوچاق ئويۇنى كۆرسەتكۈچى؛
- قاۋۇرداق — قورداق ، قورۇلغان گۆش؛
- قاۋۇرسى — كۆيۈك يۇڭ ياكى كىگىز؛
- قاۋۇرما — قورۇما گۆش ؛ قورۇلغان بۇغداي ياكى ئارپا؛
- قاۋۇرماچ — قورۇما گۆش ؛ قوماچ؛(«ئو» تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق)؛
- قاۋۇرماق — قورۇماق؛ ( «ئو» تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق)؛
- قاۋۇز — تېرىقنىڭ پوستى؛
- قاۋۇشتىرماق — ؛(قول) قوشتۇرماق؛
- قاۋۇشماق — چاپلاشماق ، بېرىكمەك ؛ قوشۇلماق؛ توپلانماق؛ يار ۋىسالىغا يەتمەك، بىللە بولماق؛ [ئاللاھ رەھمەتىگە قاۋۇشماق --- ۋاپات بولم