لۇغەتنى كۆرۈش: ق
- قازچى — غاز باققۇچى ، غازچى؛
- قازغاماق — قازماق ، كولىماق؛
- قازغانچ — قازانچ ، ئۇتۇق ، نەتىجە ، پايدا؛
- قازغانچى — ئىگە بولغۇچى ، ئېرىشكۈچى ، يەڭگۈچى ، قازانغۇچى؛
- قازغانماق — ئېرىشمەك ، ئىگە بولماق ، قازانماق ، تاپماق؛
- قازناقلىق — ئويما نەقىشلىك؛
- قازۇ — پايدا ؛
- قازۇرات — ؛«قازۇرەت»نىڭ كۆپلۈكى : ئىپلاسلىقلار ، پەسكەشلىكلەر ،ئەخلەتلەر ، نىجاسەتلەر؛
- قازۇرەت — پەسكەشلىك ، ئىپلاسلىق ، ئەخلەت ، نىجاسەت؛
- قازۇق — قوزۇق؛
- قازى — قازى-- مەھكىمە شەرئى رەئىسى؛ ھۆكۈمنى كەسكۈچى دىگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۇ قانۇنى جازا ۋە دەۋا ئىشلىرىنى بىۋاستە بىر تەرەپ
- قازى كالان — قازىلار باشلىقى؛
- قازىلماق — قېزىلماق ، ئويۇلماق ، ئويۇپ يېزىلماق؛
- قازىنماق — ئويۇلماق؛
- قازىيەلھاجات — ھاجەتلەرنى راۋا قىلغۇچى،(سوتچى)؛
- قازىيۇلقۇززات — باش قازى ، ئالىي سوتچى؛
- قازىيۇلھاجات — ھەممە ھاجەتنى چىقارغۇچى ، بارلىق تەلەپلەرنى قاندۇرغۇچى؛ كۆچمە مەناسى:ئاللاھ؛
- قاسقالغان — قۇرۇق ، قۇرۇپ قالغان؛
- قاسمار — راك ، يامان يارا؛
- قاسىد — خەۋەرچى ، خەت توشۇغۇچى ، ئەلچى ، چاپارمەن ؛ ئىنتىلگۈچى ، يۈرگەن ، ماڭغان؛ كۆچمە مەناسى: كۈن ، ئاي؛
- قاسىر — كەم - كۈتە . قىسقا ، كالتە ؛ كۈچسىز ، ئاجىز ؛ كامالەتكە يەتمىگەن؛ بويىغا يەتمىگەن ، يىگىتلىك قۇرامىغا تولمىغان؛ [قاسىر ئ
- قاش قارارتى — قاش قارايغان مەزگىل ، گۇگۇم مەزگىل؛
- قاش(چىراي) — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- قاشاغۇ — [قاشاغۇ=قاشاغۇچ/قاشاۋۇچ]؛ قاشلىغۇچ ، تارىغۇچ ، ئات تاتىلىغۇچ؛