لۇغەتنى كۆرۈش: ف
- فىتنە ئەنگىز — پىتنە تېرىغۇچى ، توپىلاڭ ، غەۋغا قوزغىغۇچى، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغۇچى، پىتنە- پاسات تارقاتقۇچى؛
- فىتنەگەر — پىتنىخور ، پىتنە قىلغۇچى ، غەۋغا تېرىغۇچى؛
- فىدائ — پىدا ، قۇربان ، بېغىشلاش ، جاننى تىكىش؛ [ فىدائكە --- سەن ئۈچۈن پىدا قىلىمەن]؛ [فىدائ ئەيلەمەك، فىدائ قىلماق --- قۇربان
- فىداكار — ئۆزىنى بېغىشلىغان ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ، ئۆزىنى ئويلىمايدىغان؛
- فىداكارانە — جاننى تىكىپ ، باتۇرلارچە؛
- فىدايى/فىدائىي — پىدايى ، بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغان كىشى ،جانىنى پىدا قىلغان كىشى؛
- فىديە — قۇربانلىق ، بىرەر ئىش ئۈچۈن قۇربان قىلىنغان نەرسە؛
- فىرئەۋن — قەدىمقى زاماندىكى مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ ئۇنۋانى؛ كۆچمە مەناسى: زالىم ،ئىنتايىن تەكەببۇر؛
- فىرئەۋنلىغ — ھاكىم مۇتلەقلىق ، مۇستەبىتلىك ، زالىملىق ، زوراۋانلىق ؛ تەكەببۇرلۇق؛
- فىرار — قېچىش ؛ تىكىۋېتىش؛ [فىرار ئەيلەمەك، فىرار ئەتمەك --- قاچماق ، تىكىۋەتمەك]؛
- فىرارىي — قاچاق ، قاچقۇن؛
- فىرازىولوگىيە — بىرەر تىلغا خاس بولغان ئىبارىلەرنىڭ تۇراقلىق سۆز بىرىكمەلىرىنىڭ جەمئىسى؛ تىلشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مەلۇم بىر تىلغا خاس بولغان
- فىراسەت — پەم ، چۈشەنچە ، كۈزىتىش قۇۋۋەتى ، ئىدراك؛
- فىراش — تۆشەك ، ئورۇن - كۆرپە ، ئورۇن؛
- فىراق — ئايرىلىش ، جۇدالىق؛
- فىرانسىيە — فرانسىيەنىڭ تولۇق رەسمىي ئىسمى: فرانسىيە جۇمھۇرىيەتى (ئىنگلىزچە: French Republic, فرانسۇزچە: République Française). پايت
- فىرەق — ؛«فىرقە»نىڭ كۆپلۈكى : جامائەتلەر ، گۇرۇھلار ، مەزھەپلەر؛
- فىردەۋس — باغ ، جەننەت ؛ شادلىق بېغى؛ئىسلام دىنىدا ئېيتىلغان جەننەتلەرنىڭ بىرى؛ [فىردەۋس ئەئلا، فىردەۋس بەرىن --- ئالىي جەننەت ؛ ك
- فىرفىرەك — چاقپەلەك؛
- فىرق — توپ ، پادا (قوي ، كالا )؛
- فىرقە — جامائەت ، گۇرۇھ ، توپ ، گۇرۇپپا ، مەزھەپ؛
- فىرقەت — فىراق(پىراق)؛ ئايرىلىش؛ جۇدالىق؛
- فىرۇز — بەختلىك ، تەلەيلىك ، غالىب ، يەڭگەن ، يەڭگۈچى؛ [فىرۇز بەخت --- تەلەيلىك ، بەخت - سائادەتلىك]؛ [فىرۇز جەنگ --- غالىب ، يە
- فىرۇزە — كۆكۈش رەڭلىك قىممەت باھا تاش؛ [فىرۇزە تاق --- كۆچمە مەناسى: ئاسمان]؛ [گۈلشەنى فىرۇزە --- كۆچمە مەناسى: ئاسمان - پەلەك]؛