لۇغەتنى كۆرۈش: غ
- غافىرۇن — ؛«غافىر»نىڭ كۆپلۈكى : كەچۈرگۈچىلەر ، مەغپىرەت قىلغۇچىلار ، گۇناھتىن ئۆتكۈچىلەر؛
- غافىل — غەپلەتتە قالغان ، بىلمەي قالغان ، بىخەۋەر؛ [غافىل بولماق --- غەپلەتتە قالماق]؛ [غافىل قالماق --- بىخەۋەر قالماق ، بىلمەي
- غافىلىي — غاپىللىق ، دىققەتسىزلىك ، سەل قاراش؛
- غالايدا — چىنوۋنىك؛ (بۇرژۇئا مەملىكەتلىرىنىڭ)ئەمەلدارى؛بيۇروكرات؛
- غالىب — غەلىبە قىلغۇچى ، زەپەر قۇچقۇچى؛
- غالىبا،غالىبەن — ئاساسەن ؛ كۆپىنچە ، دائىم ، ھامان ، ئادەتتە ، ھەر ھالدا ، ئېھتىمال؛
- غالىبۇن،غالىبىن — ؛«غالىب»نىڭ كۆپلۈكى : غالىبلار؛
- غالىيە — ؛(1) قاش ۋە چاچقا سۈرۈش ئۈچۈن ئىپار ۋە ئەنبەردىن ياسالغان خۇشبۇي قارا ماددا؛ كۆچمە مەناسى: قارا؛ (2) قىممەت ، باھاسى يۇق
- غالىيەساز — غالىيە(خۇشپۇراق) چاچقۇچى؛ [غالىيەساز ئەيلەمەك --- غالىيەدەك خۇشبۇي قىلماق؛خۇشپۇراق چاچماق]؛
- غامىز — خۇنۈك ، تۇتۇق ، چۈشىنىكسىز ؛ مۇرەككەپ ، قىيىن ، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان؛ [غامىز مەسئەلە --- چۈشىنىكسىز مەسىلە ، قىيىن ئى
- غايەت — چەك ، چېگرا ، ئاخىرقى نۇقتا ، ئاخىر ؛ ھەر؛ [ ھەددۇ غايەت --- چەك - چېگرا]؛ [غايەتى ئامال --- ئەڭ چوڭ ئارزۇ]؛
- غايىب بولۇش/يوقۇلۇش — بىر كىشى، نەرسە ياكى ھادىسەنىڭ كۆزدىن غايىب بولۇشى، ئىز-خەۋىرى يوقۇلۇشى. بۇ تۇيۇقسىز يوقالغان ئادەم، كۆزدىن ساقىت بولغان
- غايىب،غائىب — نەق مەيداندا بولمىغان ، كۆرگىلى بولمايدىغان ، غايىب؛
- غايىبانە،غائىبانە — كۆرۈنمەي تۇرۇپ ، سىرتتىن ، غايىبانە؛
- غايىپ — كۆز ئالدىدا بولمىغان؛ نەدىلىكى نامەلۇم؛
- غەباۋەت — ئەقىلسىزلىق ، كالتە پەملىك ، تەنتەكلىك ، نادانلىق؛
- غەبەرە — چاڭ - توزان ، توپا توزۇندىسى؛
- غەبرائ — يەر ، يەر يۈزى ، توپا رەڭ؛ [فەرشى غەبرائ --- تۇپراق سېلىنچا ؛ يەر يۈزى]؛
- غەبغەب — ئىڭەك ، ئىڭەك ئاستى گۆشى؛ [تەۋقى غەبغەت --- ئىڭەك ھالقاسى ، ئىڭەك ئايلانمىسى، ئىڭەك ئالمىسى؛
- غەددار — ئالدامچى ، ساتقۇن ، خاگىن ؛ كۆچمە مەناسى: زالىم ، رەھىمسىز؛
- غەددارانە — خائىنلارچە ؛ ئالدامچىلىق بىلەن؛
- غەدر — خىيانەت ، ۋاپاسىزلىق ، ئاسىيلىق ، لەۋزىدە تۇرماسلىق؛ كۆچمە مەناسى: زالىملىق ،رەھىمسىزلىك؛ [ئەھلى غەدر --- ئاينىپ كەتكەنل
- غەدركىش — ئالدامچى ، خىيانەتچى ، ۋاپاسىز؛
- غەدىر — كۆل ، توختام سۇ؛