لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شىناۋەرلىغ — سۇ ئۈزۈش؛
- شىنگەرىپ — قىزىل بوياق.
- شىھاب — ئوت ، گۈلخان يالقۇنى ، ئوت پارچەسى؛ ھاۋادا چاقناپ ئۆتىدىغان نۇر؛ ئاقار يۇلتۇز ، يۇلتۇز؛ [شىھابۇددىن --- دىننىڭ يۇلتۇزى]؛
- شىھاب ئاسا — ئوتتەك چاقنىغۇچى؛
- شىۋە — ؛(1) ئادەت ، يۇسۇن ، ئۇسلۇب ، تەرز؛ [مۇھەندىس شىۋە --- بىناكارلارچە ، بىناكارلاردەك]؛ (2)ناز ، كەرەشمە؛
- شىۋەن — نالە ، زار ، پىغان ، مۇڭ؛ [شىۋەن كۆرگۈزمەك، شىۋەن ئەتمەك --- نالە قىلماق ، زارلىماق، قايغۇرۇپ يىغلىماق]؛
- شىيار — شۇدىگەر؛ يەر ھەيدەش؛ [شىيار ئەيلەمەك، شىيار قىلماق --- شۇدىگەر قىلماق، يەرنى ھەيدەپ ئېكىشكە تەييارلىماق؛ كۈكۈم - تالقان