لۇغەتنى كۆرۈش: ش
- شەرىك — ئورتاقچى ، شېرىك ، ھەمكار؛
- شەست — ؛(1) كامان ، قارماق ؛ باش بارماق؛ (2) ئاتمىش؛ [شەست- شەست ---- ئاتمىشنىڭ كىۋادراتى(60×60)؛
- شەسىت — تور؛ قارماق ؛ دۇتارنىڭ تارى؛
- شەش — ئالتە ؛ [شەش پايە --- ئالتە پايىلىق؛ ئالتە پەلەمپەيلىك]؛ [ئىكى شەش --- ئىككى ئالتىلىك؛ نەرد ئويۇنىدىكى قولى ئۈستۈنلۈك]؛
- شەش جىھات — ئالتە جەھەت ، ئالتە نەرسە؛
- شەشپەر — ئالتە قىرلىق گۈرزى ، توقماق؛
- شەشدەر — نەرد ئويۇنىدىكى مات بولۇش خانىسى؛
- شەغەب — توپىلاڭ ، مالىمانچىلىق؛ [شورۇ شەغاب --- ئالا - توپىلاڭ ، غەۋغا ، مالىمانچىلىق]؛
- شەغەف — ھەددىدىن ئارتۇق بېرىلىش ، ئاشىقى بىقارار بولۇش؛ مەيل ، ئىشق ، ھەۋەس؛
- شەفائەت — ۋاستىچىلىك ، كېلىشتۈرۈش ، ياراشتۇرۇش ، مۇرەسسە؛ [شەفائەتى شەرم ---خىجالەتچىلىك ؛ ۋاسىتەچىلىك]؛
- شەفائەتگەرى — ۋاسىتەچىلىك ، كېلىشتۈرمىچىلىك ، مۇرەسسەچىلىك ؛
- شەفەق — قۇياش پېتىش پەيتىدە كۆكتە پەيدا بولىدىغان قىزىللىق؛ [شەفەق مىسال --- شەپەقتەك، شەپەققە ئوخشاش]؛
- شەفەقەت — ھېسداشلىق ، ئىچ ئاغرىتىش ، رەھمە؛
- شەفەقگۇن — شەپەق رەڭ ، قىزىل؛
- شەفەقۋەش — شەپەقتەك ؛ قىزىل؛ [شەفەقۋەش ئەتمەك --- شەپەقتەك قىزارتماق]؛
- شەفىئ — ۋاسىتىچى ، كېلىشتۈرگۈچى ؛ ھىمايىچى؛ [شەفىئۇلمۇئەززەبىن --- گۇناھكارلارنىڭ ھىمايەچىسى]؛
- شەفىئۇل مۇئەززەبىن — مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ سۈپەتى (ئەينى :گۇناھكار ئۈممەتلەرنىڭ ھىمايەچىسى)؛
- شەفىق — شەپقەتلىك ، مېھرىبان ، رەھىمدىل ، ھېسداشلىق قىلىدىغان ، يۇمشاق كۆڭۈل؛
- شەفىقانە — شەپقەت بىلەن ، مېھرىبانلارچە؛
- شەقاۋەت — بەختسىزلىك ، بالايىئاپەت، نەسلىك ، يامانلىق ، ئەسكىلىك ؛ ئۆز بېشىمچىلىق ، بىشەملىك؛
- شەقق — يوچۇق ، يېرىق ، چاك ؛ يېرىش ، يوچۇق ئېچىش؛ [شەقق ئەيلەمەك، شەقق قىلماق ---يارماق]؛ [قەلەمنىڭ شەقق --- قەلەم ئۇچىنىڭ يېرى
- شەقىقە — باش ئاغرىغى؛
- شەقىي — بەختسىزلىك ، نەس باسقان ، ئامەتسىز ؛ يارىماس ، ئەسكى ، بۇزۇق؛
- شەك — گۇمان؛