لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سىيرەفىي — سەرراپ ، ئالتۇن سودىگىرى؛
- سىيرەك — Infrequent(سۈپەت)--ئادەتتىكىدەك كۆپ ياكى دائىم يۈز بەرمەيدىغان، ئارالىقى ئۇزۇن بولغان ياكى قارىلاشقا قىيىن بولغان نەرسەل
- سىيرىلما/سلايت — Slide(پېئىل/ئىسىم)-- پېئىل شەكلىدە سىلىق يۈز ئۈستىدە سىيرىلىش، تېيلىش، يۇمشاق ھەرىكەتلىنىش؛ ئاستا-ئاستا تۆۋەنلىشىش؛ يوشۇ
- سىيم — كۈمۈش ، ئاقچا ، كۈمۈش تەڭگە؛ (كۆچمە مەناسى) ئاق؛ [سىيىم ئۈنى --- كۈمۈش ساداسى، تەڭگە ئاۋازى]؛ [سىيىم ئاب --- سىماب]؛
- سىيم پاشەندە — پۇل چاچقۇچى ، ئىنئام - ئىھسان قىلغۇچى؛
- سىيما — يۈز ، بەت ، چىراي ، ئەپتى - بەشرە ، تەلەت ، ئوبراز؛ [مەھ سىيما --- ئاي جامال ، ئاي يۈزلۈك ؛ گۈزەل]؛ [مەلەك سىيما --- پەر
- سىيمابىي — سىمابرەڭ؛ [سىيمابىي لىباس --- سىمابرەڭ كىيىم]؛
- سىيمبەر — [سىيمبەر=سىيمىنبەر/سىيم ئەندام/سىيمتەن]؛ كۈمۈش بەدەن ، ئاق بەدەن ، ئاپپاق ؛ گۈزەل؛
- سىيمپاش — كۈمۈش چاچقۇچى؛ كۆز يېشى قىلغۇچىل [سىيمپاش ئەيلەمەك --- كۆز يېشى قىلماق]؛
- سىيمكەش — كۈمۈش يۈكلەنگەن ، كۈمۈش كۆتۈرگەن؛
- سىيمگۇن — كۈمۈش رەڭ ، ئاق؛ [سىيمگۇن تايىر --- كۈمۈش رەڭ قۇش ، ئاق قۇش]؛
- سىيمۇزەر — ئالتۇن ۋە كۈمۈش؛
- سىيمى ئەشك — ياش تامچەسى؛
- سىيمى ناب — ساپ كۈمۈش ، جۇلالىق كۈمۈش؛
- سىيمىن — كۈمۈش ، كۈمۈشتىن ياسالغان ؛ كۈمۈشتەك ئاپپاق؛ [سىيمىن نىقاب --- ئاق پەردە ، ئاق پەردىلىك]؛ [سىيمىن رەۋاق --- ئاق راۋاق، گ
- سىيمىيا — ؛(1) سىھىرگەرلىك ؛ ئاساسسىز ۋە مەۋھۇم بىر «ئىلىم»نىڭ نامى؛ ئۇنىڭچە ، ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان ئا
- سىين — ئەرەب ئېلىپبەسىدىكى«س» ھەرپىنىڭ نامى؛ «ئى» تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق ئوقۇلىدۇ؛
- سيوژېت — ئەدىبىي ئەسەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ئېچىپ بېرىدىغان ۋەقەلەر ۋە ھادىسىلەر يىغىندىسى؛