لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سىككات — ؛«سىككە»نىڭ كۆپلۈكى : سوقۇلغان (قۇيۇلغان ) پۇللار؛ پۇل تامغىلىرى؛
- سىككە — پۇل (تەڭگە ، تىللا ، ياماق قاتارلىق ) : پۇل تامغىسى ، پۇل قېلىپى؛ [سىككە پەرداز --- پۇل قۇيغۇچى، پۇل سوققۇچى ، پۇل تامغى
- سىككەئى بىھبۇد — ؛[سىككەئى بىھبۇد ئۇرماق --- ياخشىلىق كۆرسەتمەك]؛
- سىككەئى رىفئەت — ؛[سىككەئى رىفئەت سوقماق --- يۇقارى كۆتۈرمەك]؛ [سىككەئى رىفئەت سوقۇلماق --- تەڭگە ، تىللا سوقۇلماق؛ كۆچمە مەناسى: پادىشاھ
- سىككەزەدە — پۇل قۇيۇش ، پۇل سوقۇش؛ [سىككەزەدە قىلماق --- پۇل سوقماق؛ كۆچمە مەناسى: چېنىقتۇرماق ، تەربىيەلەپ يېتىشتۈرمەك]؛
- سىكلوترون — Cyclotron(ئىسىم)--زاررىلانغان زەررىچىلەرنى (پروتون، دېيتېرون قاتارلىقلار) ماگنىت مەيدانى ۋە ئېلېكتر مەيدانى ئارقالىق ئاي
- سىگال — نىيەت ، ئوي ، غەرەز ؛ ئاداۋەت ، شىكايەت ، نەپرەت ؛ مىجەز ، قىلىق(كۆپىنچە سۆز بىرىكمەسى تەركىبىدە كېلىدۇ)؛ [چارە سىگال --
- سىگالىش — يامان غەرەز ، قاقشاش ، شىكايەت؛
- سىگنال — ئىشارەت؛ سىگنال — بىر خىل ئۇچۇر ياكى كۆرسەتمە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالامەت، بەلگە ياكى كۆرۈنۈش شەكلىدەكى ئۇسۇل.
- سىڭا — يالغۇز؛ بىر دانە، بىرتەرەپ.
- سىڭار — پەي ، سىڭىر ؛ كىرىچ ؛
- سىڭرەمەك — ئىڭرىماق ، ئىڭراپ يىغلىماق؛
- سىڭۈرمەك — ؛(1) سىڭدۈرمەك ، ھەزىم قىلماق ؛ ئۆزلەشتۈرمەك ، بىر نەرسەنى يەنە بىر نەرسەگە يېگۈزۈۋەتمەك؛ (2) غەم يېمەك ، قايغۇرماق؛
- سىڭىرى — ؛ .....گە ئوخشاش ، ... دەك ، كەبى؛
- سىڭىل
- سىل كېسەلى — تۇبىركۇليوز كېسەللىكى؛
- سىلاسىل — زەنجىرە؛
- سىلاھ — ؛(1) قورال - ياراغ ؛ (2) سۈلھى ، كېلىشتۈرۈش ، ياراشتۇرۇش؛
- سىلاھشور/سىلەھشور — قورال ئىشلىتىشكە ماھىر ، باتۇر جەڭچى؛
- سىلاھشورلىق — قورال تۇتۇشتا ماھىرلىق ، باتۇر جەڭچىلىك؛
- سىلاھى رەزم — ئۇرۇش قورالى؛
- سىلاھىي — قوراللىق ؛ ئەسكەر؛
- سىلە — ئىنئام ، بەخشىش ، تارتۇق؛
- سىلسىلە — زەنجىر . تىزىق . قاتار ، تىزما ، تەرتىپ؛