لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سىتەمكارەلىق — جەبىر - زۇلۇم سېلىش ، ئەزگۈچىلىك ، زالىملىق؛
- سىتتە — ئالتە؛ [سىتتە مىئە --- ئالتە يۈز]؛
- سىتتە زەرۈرىييە — ئالتە مۇھىم تەرەپ : يۇقارى ، تۆۋەن ، ئالدى ،ئارقا ، ئوڭ ، سول؛
- سىتراتوسفىرا — ئاتموسفىرا ئۈستۈنكى قاتلىمى.
- سىتوپكا — رومكا؛ قەدەھ.
- سىتودېنت — تالىپ؛ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى؛ ئوقۇغۇچى؛
- سىتىتوسكوپ — يۈرەك،ئۆپكە ھەرىكەتىنى تىڭشاش تروپكىسى؛
- سىتىر — يوپۇق ، پەردە؛
- سىتىز/سىتىزە — ئۆچ ، ئاداۋەت ، دۈشمەنلىك ؛ زۇلۇم ؛ ئۇرۇش ، جاڭجال؛ [سىنانى سىتىز --- دۈشمەنلىك نەيزىسى]؛ [سىتىز ئەتمەك، سىتىز قىلماق --
- سىتىزان — ئاداۋەتلىك ، ئۆچمەن ، غەزەپلىك؛ [سىتىزان بولماق --- غەزەپلەنمەك ؛ ئاداۋەت ساقلىماق، ئۆچلۈك قىلماق]؛
- سىتىزەروي — يۈزى قېلىن ، گەدەنكەش ، بەڭباش ، ئەدەپسىز؛
- سىجىل — ئۇدا؛ داۋاملىق.
- سىجىل ل — مەھكىمىدە ھۆكۈم ، پەرمان قاتارلىق ئاساسىي ھۆججەتلەر يېزىلىدىغان دەپتەر ؛ ھۆكۈم يېزىلغان قەغەز؛ قازىنىڭ مۆھۈرى بېسىلغان ھ
- سىجىللات — ؛«سىجىل»نىڭ كۆپلۈكى : قازىخانىدا قازى تەرەپىدىن بېرىلگەن ۋەسىقە، ھۆكۈمنامە قاتارلىق ھۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنى يېزىپ قالدۇرۇلى
- سىچقان — باشقا ناملىرى: [مۇش--سىچقان]؛ [مۇشى مۇشكىن-- ئىپار ھىدىدەك ھىد چىقىدىغان بىر خىل سىچقان]؛
- سىخ — زىخ ؛ كۆسەي ، ئۇچلۇق كالتەك ؛ قوزۇق؛
- سىخولاستىكا — ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىنىي تەلىماتقا ئاساسلانغان ئىدىيالىسىتىك فىلوسوفىيەل؛
- سىدام — گۈلسىز؛
- سىددەق — دائىم توغرا سۆزلەيدىغان ۋە سۆزىدىن يانمايدىغان.
- سىددىق — راستچىل ، چىن ، سەمىمىي سۆزلۈك ، توغرا سۆزلەگۈچى؛
- سىدرە — يەتتىنچى قەۋەت ئاسماندىكى بىر دەرەخ؛
- سىدرەنىشىن — يەتتىنچى ئاسماندا تۇرغۇچى پەرىشتە؛
- سىدق — چىن ، راستلىق ، توغرىلىق ، سەمىمىيلىك ؛ ھەقىقەت؛ [ئەھلى سىدق --- راستچىللار، سەمىمىي سۆزلۈك كىشىلەر]؛ [سىدق ئەيلەمەك ---
- سىدقۇسەفا — پاكلىق ۋە ۋاپادارلىق ، سەمىمىيلىك ، ئالىيجانابلىق؛