لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سىبائ — ؛«سەبۇئ»نىڭ كۆپلۈكى : يىرتقۇچ ھايۋانلار ؛ ۋەھشىيلەر؛
- سىبائىي — يىرتقۇچ ھايۋانلارغا دائىر؛
- سىبەرگە — سەبەرگە؛
- سىبلەت — ق . سەبلەت؛
- سىبى زەنەخدان — ئىڭەك ، ئىڭەك ئالمىچىسى؛
- سىپار — سۆز بىرىكمەسىدە «تاپشۇرغۇچى ، بېغىشلىغۇچى ، بەرگۈچى» دېگەن مەنالاردا كېلىدۇ؛ [جان سىپار --- پىداكار ، جانىنى ئايىمايدىغا
- سىپارىش — تاپشۇرۇق ، ھاۋالە ، بۇيرۇتما ، ھۆرمەت ، مېھرىبانلىق؛ [سىپارىش قىلماق --- تاپشۇرماق ، ھاۋالە قىلماق ؛ ھۆرمەتلىمەك]؛ [سىپا
- سىپاس — ماختاش ، رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق؛
- سىپاسگۇزار/سىپاسدار — رەھمەت ئېيتقان ، ھاياجانلانغان ، تەسىرلەنگەن ، مەمنۇن بولغان؛
- سىپاسۇسەنا — رەھمەت ئېيتىش ۋە مەدھىيەلەش؛
- سىپاھ — ئەسكەر ، قوشۇن ، ئەمەلدار ؛
- سىپاھىي — ئەسكەر ، ئەسكىرىي ئەمەلدار ؛ ئەمەلدار؛
- سىپاھىيگەرى — سىپاگەرچىلىك ، ئەمەلدارلىق؛
- سىپاھىيلىق — ھەربىيلىك ، قوماندانلىق ، ئەمەلدارلىق؛
- سىپايى — سىلىق؛ ئەدەپلىك؛ نازاكەتلىك؛
- سىپەر — قالقان؛ [سىپەرى ئاتەشىن --- (كۆچمە مەناسى) قۇياش]؛
- سىپەردار — قالقانلىق ئەسكەر ، قالقانلىق ، قالقانچى؛
- سىپەردارلىق — قالقانچىلىق ، قالقانچى ئەسكەرلىك؛
- سىپەرىي — ئاخىرىغا يەتكۈزۈلگەن ، تاماملانغان ، ئاخىرلاشتۇرۇلغان؛
- سىپەنج — ۋاقىتلىق ، پانىي ، ئۆتكۈنچى ، يوقىلىدىغان؛ كۆچمە مەناسى: دۇنيا؛ [خانەئى سىپەنج ---ۋەيران بولىدىغان ئۆي ؛ كۆچمە مەناسى: د
- سىپەند — ئىسرىق ، ئىسرىق ئۇرۇقى؛ [سىپەند ساچماق --- ئىسرىق سالماق]؛
- سىپەندان — ئىسرىق ئۇرۇغى ، ئىسرىقدان ، ئىسرىق سالىدىغان قاچا؛
- سىپەھبۇد/سىپەھبەد — قوشۇن باشلىقى ، باش قوماندان؛
- سىپەھبۇدلىغ — باش قوماندانلىق؛