لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سۇلتان — سۇلتان ، پادىشاھ ، ھۆكۈمدار ؛ ئومۇمەن پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ نامىغا قوشۇپ ئېيتىلىدىغان ئۇنۋان؛ [چاشتكاھى سۇلتانى --- ك
- سۇلتانۇس سەلاتىن — سۇلتانلارنىڭ سۇلتانى؛
- سۇلتانۇل ئارىفىن — ئالىملار سۇلتانى ، سوپىيلارنىڭ ئۇلۇغى؛
- سۇلتانۇل مۇئىززىن — ئەزىزلەر سۇلتانى، ۋەلىيلەرنىڭ ئۇلۇغى؛
- سۇلس — ئۈچتىن بىر؛
- سۇلسان — ئۈچتىن ئىككى؛
- سۇلۇ — سۇلۇ ئاساسلىقى ھايۋان ئوزۇقى ۋە ساغلاملىق ئوزۇقى (مەسىلەن، سۇلۇ يىغىسى) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ؛ زىرائەت تۈرى؛
- سۇلىس — خەتنىڭ بىر قىسمى؛ ئۈچتىن بىرى.
- سۇم — تۇياق ؛ كۆچمە مەناسى: ئاياق ، پۇت؛
- سۇمئە — مۇناخلار ئۆيى؛
- سۇمەن — ق . سەمەن(2)؛ ياسىمەن گۈلى؛
- سۇمەنبەر — گۈزەل ، ئاق بەدەن ؛ كۆچمە مەناسى: يار؛
- سۇمەنبىز — گۈل ياغدۇرغۇچى ، ئاقلىق تارقاتقۇچى؛
- سۇمەنسا — ياسىمەنگە ئوخشاش گۈزەل؛
- سۇمەنساي — خۇشپۇراق چاچقۇچى؛ [زۇلفى سۇمەنساي --- خۇشبۇي چاچ]؛
- سۇمبات — گۈزەللىك؛ چىرايلىق؛ بەستلىك؛ كېلىشكەن.
- سۇمبۇل — رەڭگى قارا، شەكلى چاچقا ئوخشايدىغان خۇشپۇراقلىق گۈل ئېچىلىدىغان خۇشبۇي مايسا.
- سۇمج — غار؛ لەخمە ، ئورا ؛ يەر ئاستى ياكى تاغدىكى قوتان؛
- سۇمرە — قوڭۇر رەڭ؛
- سۇممە — كېيىن ، يەنە ، ئاندىن؛
- سۇمنات — بۇت ئىسمى؛ بۇتخانا؛ [سۇمنات پەرەست --- بۇتپەرەس]؛ [سۇمناتۇلات --- بۇتخانا ۋە ئۇنىڭدىكى لات ناملىق بۇت]؛
- سۇمۇق — زەمچە.
- سۇمۇم — ؛«سەمم»نىڭ كۆپلۈكى : زەھەرلەر؛
- سۇمۇۋ — يۇقارىلىق ، يۈكسەكلىك ، ئۇلۇغلۇق؛