لۇغەتنى كۆرۈش: س
- سەيرەفىي — سەرراف؛
- سەيرۇتەير — سەيلە قىلىش ۋە ئۇچۇش؛ ئۇچۇپ ئايلىنىش ، ئۇچۇپ سەيلە قىلىش (قۇشلار توغرىلىق)؛
- سەيشەنبە
- سەيف — ؛(1) قىلىچ؛ [سەيفۇللاھ سەيف --- ئاللاھنىڭ قىلىچى]؛ (2) ياز مەۋسۇمى ، ياز پەسلى؛ [سەيف ئەييامى --- ياز كۈنلىرى]؛
- سەيفۇر — شايى ، دۇردۇن؛
- سەيفىي — ؛(1) قىلىچقا تايىنىدىغان ، قىلىچ بىلەن باشقۇرۇلىدىغان؛ (2) يازلىق؛ [سەيفىي ئەلبىسە --- يازلىق كىيىم]؛
- سەيقەل — پەردازلاش ، پارقىرىتىش؛ پارقىراق؛ پىچاق چاقىلىغۇچى؛ [سەيقەل قىلماق --- پارقىراتماق]؛ [سەيقەل ئەندۇز --- پارقىراتقۇچى]؛
- سەيل — كۈچلۈك ئېقىم ، سەل ، سۇ ئاپىتى ، قاتتىق ياققان يامغۇر؛ [سەيل خىرام --- ئۇچقۇر ، تېز يۈرەر]؛ [سەيل رىزى --- سەل ئاققۇزۇش؛
- سەيل ئاب — سەلەپ ، سەل ، كەلكۈن ، تاشقىن؛
- سەيل ئەندۇز — سەلگە ئايلانغان؛ [ئەشكى سەيل ئەندۇز --- سەلدەك ئاققان كۆز يېشى]؛
- سەيلە — دىۋانىلار بېلىگە باغلىۋالىدىغان ھەرخىل رەڭلىك يۇڭ يىپلاردىن قىلىنغان بەلۋاغ.
- سەيناق — يىپەك پاختىسى؛ كېرەكسىز مەشۇت.
- سەيھە — چۇقان ، سۈرەن ، توۋلاش ، ۋارقىراش؛
- سەيھۇن — سىر دەرياسىنىڭ كونا نامى؛
- سەيىر(سەييار)؛ — ئايلانماق؛ كەزمەك؛ ئايلىنىپ يۈرۈپ تاماشا قىلماق؛ ئايلانغۇچى؛ ئۆزگە.
- سەييار — كەزگۈچى ، كېزىپ يۈرگۈچى؛
- سەييارات — ؛«سەييارە»نىڭ كۆپلۈكى : سەييارىلەر ، پىلانېتالار ؛ ماشىنىلار؛
- سەييارە — سەييارە ، پىلانېتا، كېزىپ يۈرگۈچى (يۇلتۇز) ؛ ماشىنا؛ [ئەختەرى سەييارە --- كېزىپ يۈرگۈچى يۇلتۇز]؛
- سەيياھ — ساياھەتچى؛ كەزگۈچى.
- سەييىئات — ؛«سەييىئە»نىڭ كۆپلۈكى : گۇناھلار ، يامانلىقلار ، ئەسكىلىكلەر؛
- سەييىئە — گۇناھ ، يامانلىق ، ئەسكىلىك؛
- سەييىد/سەيىد — خوجا ، باشلىق ، يېتەكچى ، پەيغەمبەر ئەۋلادى؛
- سپونسور — Sponsor(ئىسىم/پېئىل)-- بىرەر پائالىيەت، تەشكىلات، كىشى ياكى تۈر ئۈچۈن مالىيە ياكى باشقا يۆلەكچىلىك بىلەن قوللايدىغان كىش
- سپىرال — Spiral(ئىسىم/پېئىل/سۈپەت)--ئىسىم بولغاندا بىر نۇقتىدىن باشلىنىپ ئايلىنىپ-ئايلىنىپ كېڭىيىدىغان ياكى تارىيىدىغان ئەگرى سىز