لۇغەتنى كۆرۈش: ز
- زۇئەفائ — ؛«زەئىف»نىڭ كۆپلۈكى : زەئىپلەر ، كۈچسىزلەر ، ئاجىزلار؛
- زۇباب — چىۋىن ، پاشا ، كۆكۈيۈن؛
- زۇبدە — بىر نەرسەنىڭ ياخشىسى ، سەرخىلى ، قايماق ، سېرىق ماي؛ جەۋھەر، نېگىز، مېغىز، مۇھىم نۇقتا، ماھىيەت؛
- زۇبدە تۇتتەۋارىخ — تارىخلار جەۋھىرى ، تارىخلاردىن تاللانما؛
- زۇجاج — ئەينەك ، شىشە ، ئەينەكتىن ئىشلەنگەن قەندىل ؛ ئەينەك قاچا؛
- زۇجاجە — ئەينەك پارچەسى ، ئېگىز پۇتلۇق شىشە قەدەھ ؛ شىشە قاچا؛
- زۇخر — زاپاس ساقلاش ، ئېھتىيات ئۈچۈن ساقلاش؛ زاپاس؛
- زۇد — ؛(1)تېز ، ئىتتىك ، ئىلدام ، ئالدىراش؛ (2) زەدا؛
- زۇرەفائ — ؛«زەرىف»نىڭ كۆپلۈكى : زەرىف؛
- زۇررىيات — ؛«زۇررىيە»نىڭ كۆپلۈكى : ئەۋلادلار؛
- زۇررىيە — ئەۋلاد؛
- زۇرۇب — ؛«زەرب»نىڭ كۆپلۈكى : زەربىلەر ، ئۇرۇشلار؛
- زۇرۇف — ؛«زەرف»نىڭ كۆپلۈكى : سۇيۇقلۇق قاچىلىرى ، قاچىلار؛
- زۇزەنابە/زۇزەنەب — قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز؛
- زۇغال / زۇگال — كۆمۈر ؛
- زۇكۇر — ؛«زەكەر»نىڭ كۆپلۈكى : ئەرلەر ، ئەركەكلەر؛
- زۇلئەكتاف — تۆتىنچى تەبىقە ئەجەم پادىشاھلىرىدىن شاپۇرغا بېرىلگەن لەقەم (ئەينى : مۈرىلەر ئىگەسى )؛
- زۇلئىقتىدار — ئىقتىدار ئىگەسى ، قابىلىيەتلىك ؛ قۇدرەتلىك دوالاقتدار؛
- زۇلال — سۈپسۈزۈك ۋە شېرىن سوغۇق سۇ ؛ [زۇلال تاپماق --- سۈزۈلمەك ، تىنماق ، شىرنەلىك تاپماق]؛
- زۇلالى زىندەگانى — ؛[زۇلالى زىندەگانى=زۇلالى ھەيات/ زۇلالى خىزىر]؛ تىرىكلىك سۈيى ، ھاياتبەخش سۇ ، ئابىھايات؛
- زۇلەل — پەسلىك ، رەزىللىك ، يامانلىق؛
- زۇلجەلال — يۈكسەكلىك ئىگەسى ، ئۇلۇغلۇق ئىگەسى ، ئەڭ ئۇلۇغ؛
- زۇلف — چاچ ، ئاياللارنىڭ سېكىلەك چېچى؛ [زۇلف تابى --- چاچ ئۆرۈمى]؛ [زۇلف تارى --- چاچ تالاسى]؛
- زۇلفا — يېقىنلىشىش ، ياخشىچاق بولۇش ؛ مەرتىۋە ، ئورۇن؛