لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رەشھە — تامچا ، سىزلاپ چىققان سۇ؛
- رەشىد — توغرا يول تاپقان ، ئۆز يولىنى تاپقان ؛ يېتىلگەن ، پىشقان؛ مەرد، باتۇر ؛ باشچى ، يېتەكچى؛
- رەشىك — كۈندەشلىك؛ ئىچى ئاداش؛ قىزغىنىش؛كۆرەلمەسلىك؛
- رەغائىب — ؛«رەغىبە»نىڭ كۆپلۈكى: ئارزۇلار ، ئارمانلار ، تىلەكلەر، ئارزۇلۇق نەرسەلەر ، كىشى ئىگە بولۇشنى تىلىگەن نەرسەلەر؛
- رەغبەت — خاھىش ، ئارزۇ ، مەيل ، قىزىقىش؛ [رەغبەت ئەتمەك، رەغبەت ئەيلەمەك --- خالىماق ، ئىختىيار قىلماق ، قىزىقماق]؛
- رەغبەتنەماي — خالىغۇچى ، قىزىققۇچى ، ئارزۇ قىلغۇچى؛
- رەغم — يامان نىيەت ، ئەكسىچە ئىش كۆرۈش ، قارشى يول تۇتۇش؛ [رەغمىغە --- ئەكسىگە ، زىتىغا]؛
- رەغىبە — كىشى ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلغان نەرسە ، ئارزۇ ، ئارمان؛
- رەفئ — كۆتۈرۈش ، يۈكسەلدۈرۈش ؛ يوق قىلىش ، كۆتۈرۈۋېتىش؛ [رەفئ ھىجاب ئەيلەمەك --- ئۇياتنى ئوتتۇرىدىن يوقاتماق، پەردىشەپنى كۆتۈرم
- رەفئەت — يۈكسەكلىك ، بۈيۈكلۈك ، يۇقارى دەرەجە ، ئۇلۇغ مەرتىۋە؛
- رەفاقەت — يولداشلىق ، خىزمەتداشلىق ، دوستلۇق ، دوستانىلىق؛ ئېتىبار بېرىش ، ئاسراش؛
- رەفاھىييەت — باياشادلىق ، ھايات پاراۋانلىقى ، ياخشى ئەھۋال ، ھالاۋەتلىك تۇرمۇش؛
- رەفتار — يۈرۈش ، مېڭىش ، ھەرىكەت؛ [بادرەفتار --- شامالدەك تېز مېڭىش]؛ [تىزرەفتار --- تېز يۈرەر، يۈگۈرۈك]؛
- رەفز — رەت قىلىش ، ئىنكار قىلىش ؛ تاشلاپ كېتىش؛
- رەفىئ — يۈكسەك ، ئېگىز؛ [رەفىئ مەكان --- يۈكسەك ئورۇن ، يۇقارى دەرەجە]؛
- رەفىئوەد دەرەجات — يۇقارى دەرەجەلەر؛
- رەفىق — يولداش ، ساۋاقداش ، خىزمەتداش ، شېرىك ، دوست ، ئاشنا ؛
- رەقەبە — گەردەن ، بويۇن ؛ قۇل ، چۆرە؛
- رەقەم/رەقم — رەقەم ، بەلگە ، يېزىق ، يېزىش؛ [رەقەم قىلماق --- يازماق،سىزماق]؛ [رەقەم چەكمەك ---يازماق ، سىزماق ؛ يۈكلىمەك]؛
- رەقەمكار — يېزىلغان ، سىزىلغان ، قەلەم ئۇرۇلغان؛
- رەقس — ئۇسسۇل؛ [رەقس قىلماق --- ئۇسسۇل ئوينىماق]؛
- رەققاس — ئۇسسۇلچى ، ئۇسسۇل سەنئەتچىسى؛
- رەقىب — Opponent(ئىسىم)--رىقابەت، مۇسابىقە، مۇنازىرە ياكى ئۇرۇشتىكى قارشى تەرەپ، رەقىب، دۈشمەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ بىراۋغا قارشى تۇر
- رەقىپ — رىقابەتلەشكۈچى؛ دۈشمەن؛ كۈندەش.