لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رەخىش — ئارغىماق ئات.
- رەدائەت — ئوساللىق ، ناچارلىق ، سۈپەتسىزلىك؛
- رەدد — قايتۇرۇش ، رەت قىلىش ، رەددىيە ، قايتۇرما زەربە ؛ ئويدۇرما ، ياسالما ،ساختا ؛ ئىز، چاق ئىزى]؛
- رەددى بەلا — بالانى قايتۇرۇش ، بالا - قازانى ياندۇرۇش؛
- رەددى تۆھمەت — تۆھمەتكە رەددىيە بېرىش ؛
- رەدف — ئەگىشىش ، كەينىدىن مېڭىش ، ئەگەشمە ، ئەگىشىدىغان؛
- رەدىف — ئاتقا مىنگىشىپ ماڭغۇچى ، ئاتقا ئەگىشىپ ماڭغۇچى ؛ شېئىرلاردا قاپىيەدىن كېيىن تەكرارلىنىدىغان سۆز ، رادىپ؛
- رەز — تەك ، ئۈزۈم؛ [ رەز چەمەنى --- تەكلىك ، ئۈزۈمزار]؛ [رەز سۈيى --- ئۈزۈم سۈيى، كۆچمە مەناسى: مەي ، شاراب]؛ [رەز فەرزەندى --
- رەزالەت — پەسكەشلىك، پەس تەبىئەتلىك ، رەزىللىك ؛ ناچار ئىش؛
- رەززاق — بارلىق مەخلۇقاتلارنى باققۇچى ، رىسق بەرگۈچى ، ئاللاھ؛
- رەزقىزى — ئۈزۈم.
- رەزل — پەس ، تۆۋەن ، خار؛
- رەزم — ئۇرۇش ، جەڭ ، غەۋغا؛ [رەزم ئەيلەمەك --- ئۇرۇشماق، جەڭ قىلماق]؛ [رەزم تۈزمەك ---ئۇرۇش قوزغىماق، ئۇرۇشماق]؛ [رەزم سالماق -
- رەزمجۇي — ئۇرۇشقا ماھىر، ئۇرۇشقاق ، ئۇرۇشخۇمار؛
- رەزمساز — ئۇرۇشقا تەييارلانغۇچى؛
- رەزمگاھ/رەزمگەھ — ئۇرۇش مەيدانى ، جەڭ مەيدانى ، جەڭگاھ؛
- رەزىل — ئەسكەش؛ پەس.
- رەزىلەت/مۇئاۋىن — Vice(ئىسىم/ئالدى قوشۇمچە)--(1) ئەخلاقسىز ياكى يامان ھەرىكەت، يامان ئادەت، قەبىھ خاسلىق (virtue - پەزىلەتنىڭ قارشىسى)؛ (2
- رەزىم — جېدەل قىلماق؛ ئۇرۇشۇش.
- رەزىن — مەھكەم ، مۇستەھكەم ؛ قەتئىي ، مۇھىم، ئېتىبارلىق ، ۋەزىنلىك ،ئېغىر؛ [رايى رەزىن ---توختالغان پىكىر ، قەتئىي پىكىر]؛
- رەزىياللاھ ئەنھۇ — ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازىي بولغاي؛
- رەس — سۆز بىرىكمەسىدە كېلىپ «قىلغۇچى ، يەتكۈچى ، يېتىشكۈچى» دېگەندەك مەنالاردا كېلىدۇ؛ [چارەرەس --- بىرەر ئىشنىڭ چارەسىنى قىلغ
- رەسا — ئۈنۈملۈك ، ياراملىق ، كېرەملىك ، مۇۋاپىق؛
- رەسائىل/رەسايىل — ؛«رىسالە»نىڭ كۆپلۈكى: كىتابچىلار ، رىسالىلەر ، مەكتۇپلار ، خەت - چەكلەر؛