لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رەئايا — ؛«رەئىييە»نىڭ كۆپلۈكى : خەلق ، خەلقلەر ، پۇقرالار؛
- رەئد — گۈلدۈرماما ، چاقماق ، ئوت چاچىدىغان قورال؛ [رەئد يايى --- ئوت چاچىدىغان قورالنىڭ يايى]؛ [رەئد تاشى --- ئوت چاچىدىغان قور
- رەئس — باش؛ [رەئسەن بىرەئس --- باشمۇباش؛ تەڭ ، باراۋەر]؛
- رەئسەن — باشتا ، دەسلەپتە ؛ ئۆزلۈكىدىن ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن؛
- رەئشە — تىترەك؛ [رەئشە قىلماق --- تىترىمەك]؛
- رەئفەت — مېھرىبانلىق ، غەمخورلۇق ، خەيرخاھلىق؛ شەپقەتلىك؛
- رەئنا — گۈزەل ، چىرايلىق ، يېقىمىلىق ، نازۇك ؛ بىرخىل گۈلنىڭ نامى؛ [رەئنا نىھال --- گۈزەل قامەت،خۇش قامەت ، كېلىشىملىك]؛
- رەئنالىق — خۇش قامەتلىك ، يېقىملىقلىق ، مەغرۇرلۇق ، كۈچەشلىك؛
- رەئۇف — مېھرىبان ، مېھىرلىك ، غەمگۇزار؛ [غبدرەئۇف --- مېھىرلىك ئىنسان]؛
- رەئىس / پرېزىدېنت — دەۋلەت، تەشكىلات، شىركەت ياكى ئورگاننىڭ ئەڭ يۇقارى رەھبەرى، باشلىقىنى بىلدۈرىدۇ. (1) دەۋلەت رەئىسى(President of a Countr
- رەئىيە — پۇخرا؛ ئاۋام.
- رەئىييەت/رەئىييە — بىر ھۆكۈمدارنىڭ قول ئاستىداكى خەلق ، تەۋە خەلق ، پۇقرا؛
- رەئىييەتنەۋاز — خەلقپەرۋەر ، پۇقرانى سۆيگۈچى؛
- رەبا — [رەبا=روبا/روباي/رەباي]؛ سۆز بىرىكمەسىدە «تارتقۇچى ، ئالغۇچى ، كۆتۈرگۈچى» دېگەندەك مەنالاردا كېلىدۇ؛ [پەردە رەبا ئولماق
- رەبات — كارۋان سارايى، يولۇچىلارنىڭ قونۇشى ئۈچۈن ياسالغان بىنا ، قونالغۇ ،مۇساپىرخانا ، مېھمانساراي ؛ بېكەت؛ [ئەسكى رەبات --- كۆ
- رەبايەندە — ئۆزىگە تارتىدىغان ، جەزبىلىك، جەلپ قىلارلىق؛
- رەبايەندەلىغ — جەزبىدارلىق ، ئۆزىگە تارتىش؛
- رەبت — باغلىنىش ، ئالاقە ؛ [زەبتۇ رەبت --- تەرتىپ ؛ باشقۇرۇش ، ئىدارە قىلىش]؛
- رەبتسىز — باغلىنىشسىز ، ئالاقىسىز ، ئىنتىزامسىز ، قالايمىقان ، چۇۋالچاق؛
- رەبۇدە — ئېلىندىغان ، تارتىلىغان ، جەلپ قىلىنغان ، مەپتۇن قىلىنغان؛ [رەبۇدە ئەيلەمەك --- تارتماق، ئۆزىگە جەلپ قىلماق]؛
- رەبىئ — كۆكلەم ، باھار؛ [فەسلى رەبىئ --- باھار مەۋسۇمى، ئەتىياز پەسلى]؛
- رەبىئولئەۋۋەل — ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ئۈچىنچى ئاي؛
- رەبىئۇلئاخىر — [رەبىئۇسسانى=رەبىئۇلئاخىر]؛ ھىجرىيە كالېندارى بويىچە تۆتىنچى ئاي؛
- رەبىئىي — ئەتىيازلىق ، يازغى؛