لۇغەتنى كۆرۈش: ر
- رۇخ/(شاھمات) — باشقا ئاتاشلىرىدىن:توپ/زەمبىرەك/دەببابە ؛ [ رۇخ: (1) يۈز ، بەت ، چىراي ، ئەپسانەۋى بىر چوڭ قۇشنىڭ نامىى(سۇمۇرغ)؛ [گۈلرۇخ
- رۇخەس — ؛«رۇخسەت»نىڭ كۆپلۈكى : رۇخسەتلەر ، ئىجازەتلەر؛
- رۇخسار — چىراي، يۈز؛ سىرتقى كۆرۈنۈش؛
- رۇخسارى بەيزا — ئاق يۈزلۈك.
- رۇخسەت — ئىجازەت ، ماقۇللۇق؛ [رۇخسەت بەرمەك --- كەتكۈزمەك ،يولغا سالماق ، كېتىشىگە ئىجازەت بەرمەك]؛
- رۇخسەت بېرىش ; رۇخسەتنامە — Permit(ئىسىم/پېئىل)--پېئىل شەكلىدە (/pərˈmɪt/): بىرسىگە بىر ئىشنى قىلىشقا ئىجازەت بېرىش، رۇخسەت قىلىش، قولاي شارائىت بېر
- رۇخسەت/ئىجازەت — Permission(ئىسىم)--بىراۋنىڭ بىر ئىشنى قىلىشىغا ياكى بىر نەرسەنى ئىشلىتىشىگە بېرىلگەن رەسمىي ياكى غەيرى رەسمىي رۇخسەت، ئى
- رۇست/رۇس — مەھكەم ، چىڭ ، قاتتىق ، مۇستەھكەم ، پۈتۈك ، ئېتىك؛ [رۇست ئەيلەمەك --- مۇستەھكەملىمەك ، مەھكەم قىلماق ، كۈچەيتىمەك]؛ [رۇس
- رۇستا/رۇستاي — يېزا؛
- رۇستائىيانە — قوپاللىق بىلەن؛
- رۇستاخىز — ئويغىنىش ، تىرىلىش ، قىيامەت ، مەھشەر ؛ كۆچمە مەناسى: توپىلاڭ ،غەۋغا؛
- رۇستايى/رۇستائىي — يېزىلىق ، سەھرالىق ، دېھقان ؛ كۆچمە مەناسى: قوپال ؛
- رۇستايىلىق — قوپاللىق ؛
- رۇستەخىز — رۇستاخىز؛ [رۇستەخىز سالماق --- غەۋغا كۆتۈرمەك ، توپىلاڭ قىلماق]؛
- رۇستەم — ؛«شاھنامە»دىكى باش قەھرىماننىڭ ئىسمى؛
- رۇستەملىق — رۇستەمدەك قەھرىمانلىق ، پالۋانلىق؛
- رۇسۇخ — مەھكەملىك ، قەتئىيلىك ، مۇستەھكەم ئورناشقانلىق ، تەۋرەنمەسلىك؛ [رۇسۇخ تاپماق --- ئورناشماق ، تۇراقلاشماق]؛
- رۇسۇل — ؛«رەسۇل»نىڭ كۆپلۈكى : ئەلچىلەر ، پەيغەمبەرلەر؛
- رۇسۇم — ؛«رەسىم»نىڭ كۆپلۈكى : رەسىم - قائىدىلەر ، تەرتىپلەر ، يۇسۇنلار؛ رەسىملەر ، سۈرەتلەر؛
- رۇشد — ئۆسۈش ، راۋاجلىنىش ؛ ئەقلىي جەھەتتىن يېتىلىش ، يېتىكلىك؛ توغرا يول تېپىش ، توغرا يولغا چۈشۈش؛ [رۇشد ئاسارى --- يېتىكلىك
- رۇفەقائ — ؛«رەفىق»نىڭ كۆپلۈكى : يولداشلار ، خىزمەتداشلار ؛ بۇرادەرلەر ، دوستلار؛
- رۇفۇ — بىرەر نەرسەنى توقۇپ ياماش ، سىلىق ياماش؛
- رۇقئە — مەكتۇپ ، پارچە قەغەزگە يېزىلغان خەت؛
- رۇقەبائ — ؛«رەقىب»نىڭ كۆپلۈكى: بەسلەشكۈچىلەر ، مۇخالىپلار؛ دۈشمەنلەر؛ قوغدىغۇچىلار ،نازارەت قىلغۇچىلار؛