لۇغەتنى كۆرۈش: د
- دۇرۇر — ؛«دۇر» قوشۇمچىسىنىڭ بىر شەكلى؛
- دۇرۇس — ؛«دەرس»نىڭ كۆپلۈكى: ساۋاقلار؛
- دۇرۇست — دۇرۇس ، توغرا ، ياخشى ، ساق ، ساغلام . مۇناسىپ، لايىق؛ [دۇرۇست ئەتمەك، دۇرۇست قىلماق --- مۇناسىپ كۆرمەك ، لايىق تاپماق،
- دۇرۇستلۇق — دۇرۇسلۇق ، ياخشىلىق؛
- دۇرۇسلۇق — Integrity(ئىسىم)-- بىر ئادەمنىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا، ھەتتا كۆرۈلمەيدىغان ۋاقىتتىمۇ، ئۆزىنىڭ ئەخلاقىي قىممەتلىرىگە، پرىنس
- دۇرۇشت — يوغان، يىرىك ؛ قوپال ؛ قاتتىق ، توڭ؛
- دۇرۇشتخۇي — قوپال مۇئامىلىلىك ، قوپال قىلىقلىق ؛
- دۇريان — مىۋە تۈرى؛
- دۇش — دۈمبە ، ئۇچا ، ئارقا؛
- دۇشاب — شىرنە ، قىيام ، ئۈزۈم شىرنىسى؛
- دۇشەش — نەرد (شاھماتقا ئوخشاش بىر خىل ئويۇن) ؛ ئويۇننىڭ مات ھالەتى؛
- دۇشۋار — قىيىن ، ئېغىر ، مۈشكۈل ، خەتەرلىك؛ [دۇشۋار دىن دۇشۋار --- ئىنتايىن قىيىن ، بەك مۈشكۈل]؛ [دۇشۋار ئولماق --- قىيىن بولماق]
- دۇشۋار پەسەند — جاپاكەش ، مۈشكۈلاتچى؛
- دۇشىزە — قىز؛ [غەيب دۇشىزەسىدىن نىقاب ئالماق --- كۆچمە مەناسى: غايىبتىن خەۋەر تاپماق]؛
- دۇك — يىك؛
- دۇكان — Shop (ئىسىم)--تاۋار سېتىش ئورنى، دۇكان، مەھسۇلات ئېلىش مەناسىنى بىلدۈرىدۇ. مەسىلەن: "go shopping" (سودا قىلىش)، "coffee
- دۇكتەراش — يىكچى ، يىك قىرغۇچى؛
- دۇكتەراشلىك — يىكچىلىك؛
- دۇگانە — قوش ، قوشماق ، جۈپ ، ئورتاق؛
- دۇلاب — ؛1) ئىشكاپ ؛ ساندۇق؛ 2) قۇدۇقتىن سۇ چىقىرىدىغان چاق؛ بۇل؛
- دۇلدۇل — مۇھەممەت پەيغەمبەر تەرەپىدىن ھەزرىتى ئەلىگە تەقدىم قىلىنغان خېچىرنىڭ نامى.
- دۇمبەجىگەر — پۇشۇرۇلغان جىگەر، قۇيرۇق ماينى يالپاغداپ توغراپ، ئىككىسىنى بىرلەشتۈرۈپ يەيدىغان تائام؛
- دۇمۇئ — ؛«دەمئ»نىڭ كۆپلۈكى: كۆز ياشلىرى؛ [لالەگۇن دۇمۇئ --- لالىدەك قىزىل (قانلىق ) كۆز يېشى]؛
- دۇن — پەس ، رەزىل؛ [دۇن سىفەت --- پەس تەبىئەت ، ئەخلاقسىز ، پەس كۆڭۈل]؛