لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خاشاك/خاشەك — خەشەك ، قۇرۇق ئوت - چۆپ ، خەسە - پالاڭ ، ئەخلەت؛ [خاشاك ئەتمەك ---خەشەككە ئايلاندۇرماق ، قۇرۇتماق]؛
- خاشاكروب — خەسە - پالاڭ سۈپۈرگۈچى ، خەشەك سۈپۈرگۈچى؛
- خاشاكى خەۋاتىر — بىھۇدە خىياللار ، ئۇششاق - چۈششەك ئويلار؛
- خاقان — بۈيۈك پادىشاھ ، شاھلارنىڭ شاھى؛ [خاقانى چىن --- چىن پادىشاھى]؛
- خاك — تۇپراق ، توپا ، يەر يۈزى؛
- خاك ئەتمەك — ئۆلتۈرمەك؛
- خاك بولماق — ئۆزىنى پەس تۇتماق، كەمتەر بولماق؛ كۆچمە مەناسى: ئۆلمەك؛
- خاك قىلماق — يوقاتماق؛ [ئۆزنى خاك بولماق --- ئۆزلۈكنى يوقاتماق، فەنا بولماق]؛
- خاكبوس — تۇپراق سۆيۈش ؛ قۇللۇق قىلىش ، ھۆرمەتلەش ، بويسۇنۇش،ئىتائەت قىلىش، خىزمەتكە تەييار تۇرۇش، زىيارەت قىلىش؛ [خاكبوس ئولماق -
- خاكبوسلىق — زىيارەت ؛ بويسۇنۇش؛
- خاكدان — ئەخلەت قاچاسى؛ كۆچمە مەناسى: دۇنيا ، بۇ ئالەم؛ [تىيرە خاكدان --- قاراڭغۇ دۇنيا،زۇلمەت]؛
- خاكروب — يەر سۈپۈرگۈچى ، خىزمەتكار؛
- خاكسار — تۆۋەن ، پەس ، خار ، كۈچسىز ، كەمتەر، توپىغا بۇلغانغان؛ [خاكسار ئەتمەك،خاكسار ئەيلەمەك --- ئاياغ ئاستى قىلماق، تۇپراققا ئ
- خاكسارلىغ — تۆۋەنلىك ، كەمتەرلىك؛
- خاكستەر — كۈل؛
- خاكستەرى — كۈلرەڭ؛
- خاكسود — تۇپراققا بۇلغانغان، توپىغا بۇلغانغان، توپىغا مىلەنگەن؛ [يۈزنى خاكسود ئەيلەمەك --- يۈزىنى يەرگە سۈركىمەك، تەزىم قىلماق]؛
- خاكنىشىن — توپىغا مىلەنگەن ، توپىغا چۆمگەن؛ كۆچمە مەناسى: كەمتەرل [خاكنىشىن بولماق ---كەمتەر بولماق ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتماق]؛
- خاكو-غۇبار — توپا - چاڭ؛
- خاكۋەش — تۆۋەن، كەمتەر؛
- خاكى پاي — ئاياغ ئاستى توپىسى، باسقان ئىز؛
- خاكى پەلەك — ئېڭىشىپ ئوينىلىدىغان بىر خىل ئويۇن؛
- خاكى دەرگەھ/خاكى ئاستان — ئىشىك ئاستى تۇپرىقى، بوسۇغا توپىسى؛
- خاكى سىياھ — قارا توپا؛ [خاكى سىياھ ئەيلەمەك --- قارا توپىدەك سورماق، بۇزۇپ چاچماق]؛