لۇغەتنى كۆرۈش: خ
- خەۋەرنەق — يەمەندىكى بىر ئەپسانەۋى قەسىرنىڭ نامى. (بۇ قەسىر بەھرام گور ئۈچۈن، شاھ نوئماننىڭ ئوغلى مۇنزىرنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن سىننە
- خەۋز — چۆمۈش ، شۇڭغۇش ، (پىكىرگە ) چۆكۈش ، (ئويغا ) چۆمۈش؛ (بىرەر ئىشقا ) بېرىلىش؛ پونتان كۆلچىكى؛
- خەۋف — خەۋپ ، خەتەر ، قورقۇنچ؛
- خەۋىد — پىشمىغان زىرائەت، مايسا؛
- خەۋىدزار — ئېكىنزار ، مايسىزار؛
- خەيال — خىيال ، تەسەۋۋۇر ، پىكىر ، ئوي ؛
- خەيالات — ؛«خەيال»نىڭ كۆپلۈكى : خىياللار ، تەسەۋۋۇرلار ، پىكىرلەر ،ئويلار ؛
- خەيالەنگىز — خىيال قوزغىغۇچى ، ئويغا سالغۇچى؛
- خەيالىي — تەسەۋۋۇردىكى ، خىيالىي؛
- خەير — ياخشىلىق ، ساخاۋەت ، ئامانلىق ، پاراۋانلىق ، بايلىق ، ياخشى ، خەيرلىك؛ يېتەرلىك ،كۇپايە؛
- خەيرات — ياخشى ئىشلار ، ياخشىلىقلار ، خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى؛ [ئەھلى خەيرات --- خەير -ساخاۋەت قىلغۇچىلار ، ياخشى ئىش قىلغۇچىلار]؛
- خەيرەندىش — رەھىمدىل ، مۇلايىم ، ساخاۋەتلىك ، ئاق كۆڭۈل؛ ياخشىلىق ئويلىغۇچى ، ياخشى پىكىرلىك؛
- خەيرباد — خەيرلىشىش ، خوشلىشىش ؛ خەير - خوش؛ [ خەيرباد ئەتمەك، خەيرباد قىلماق --- خەيرلەشمەك ، خوشلاشماق]؛
- خەيرسىز — ساخاۋەتسىز ، ئىنئام ، ئېھسانسىز؛
- خەيرولبەشەر — ئادەملەردىن ياخشىسى.
- خەيرۇشەر — ياخشى - يامان ؛ ياخشىلىق ۋە يامانلىق؛
- خەيرۇلئەنام/ خەيرۇلبەشەر — ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى ، ئەڭ ياخشى ئادەم (مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۇنۋانى)؛
- خەيرۇلئۇمۇر — ئىشلارنىڭ ياخشىسى؛
- خەيرى بەشەر/خەيرى ناس — كىشىلەرنىڭ ياخشىسى؛
- خەيرى مائال — ئاخىرى خەيرلىك ، ئاقىۋىتى ياخشى؛
- خەيرى مەقدەم — قەدەملىرى خەيرلىك ، خۇش كېلىپلا(مېھمانغا ئېيتىلىدۇ )؛
- خەيرىخاھ — ياخشىلىق قىلغۇچى؛ ياخشى تىلەكلىك؛
- خەيرىيەت — ياخشى؛ ساۋاپلىق ئىشلار؛ بەخىتكە يارىشا؛
- خەيزەران/ خەيزۇران — بامبۇك ، قاتتىق قومۇش ؛ قومۇش ؛ يۇلغۇن؛