لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جەددى ئەب — ئاتا - بوۋا؛
- جەددى بۇزورگۋار — ئۇلۇغ بوۋا ، ھۆرمەتلىك بوۋا؛
- جەدۋەل — كاتەكچىلىك سىزىق؛ جەدۋەل؛
- جەدى — تاغ ئۆچكەسى، ئوغلاق ؛ كونا ئاسمانشۇناسلىق چۈشەنچەسى بويىچە،قۇياش ھەرىكەتى بويىچە ھېسابلىنىدىغان ئون ئىككى بۇرجنىڭ بىرى -
- جەدىت — يېڭىلىق تەرەپدارى؛ يېڭىلىققا ئىنتىلگۈچى.
- جەدىد — يېڭى ؛ يېڭىلىق ؛ يېڭىلىق تەشەببۇسكارى؛
- جەر — ؛1) ھاڭ، چوڭقۇر جىرا، يار؛ [ بۇلەند جەر --- ئېگىز يار]؛ [ئەمىق جەر --- چوڭقۇر جىرا،چوڭقۇر ھاڭ]؛ 2)جار؛
- جەرائىم/جەرايىم — ؛«جەرىمە»نىڭ كۆپلۈكى: گۇناھلار ، جىنايەتلەر؛
- جەراكى — سەۋەب؛ چۈنكى؛
- جەراھەت — يارا ، جاراھەت ؛ ئازار، ئازاب ، دەرد؛ [جەراھەت ئەنگىز --- ئازار بەرگۈچى ، يارىدار قىلغۇچى]؛
- جەراھەتلىغ — يارىدار ، جاراھەتلىك؛
- جەرەس — قوڭغۇراق ، كارۋان كولدۇرماسى؛
- جەرەن — چۆللەردە ياشايدىغان، تېز يۈگرەيدىغان، پاقالچەكلىرى ئىنچىكە، ئۆچكىدىن كىچىك،كۆزلىرى چىرايلىق، كىيىكلەر ئائىلەسىگە تەۋە ھا
- جەررار — زور كۆلەملىك توپلانىش ، چوڭ توپ ، ئىنتايىن كۆپ ، جەڭگىۋار ،قورقماس توپ؛ [سپاھى جەررار --- جەڭگىۋار قوشۇن]؛
- جەررارلىق — جەڭگىۋارلىق ، باتۇرلۇق؛
- جەرراھ — تاشقى كېسەللەر دوختۇرى، ئوپېراتسىيە قىلالايدىغان دوختۇر؛
- جەرراھىيلىك — Surgical(سۈپەت)--جەرراھىيە (ئوپېراتسىيە) مۇئالىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك، ياكى كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن بەدەنگە پىچاق سېلىش، كېسى
- جەررە — جۇررە؛
- جەرسىھ — يارا؛جاراھەت؛
- جەرھ — يارا ، جاراھەت؛
- جەرىب — يەر ئۆلچەمى، بىر جەرىب يەر تەخمىنەن 15 مو ياكى بىر گېكتارغا توغرا كېلىدۇ؛
- جەرىدە — ;1) دەپتەر؛ گېزىت؛ 2) يەككە، يالغۇز ، تەنھا؛ [ھەياتنى جەرىدە ئۆتكەرمەك --- تەنھا ياشىماق]؛
- جەرىمە — گۇناھ ، جىنايەت ، سەۋەنلىك ؛ جازا ، جەرىمانە؛
- جەريان — بىرەر ھادىسە، ۋەقەنىڭ ئىزچىللىق بىلەن تەرەققى قىلىشى؛ ئاقماق. ئېقىش ، ئېقىم ، ئىشنىڭ كېتىۋېتىشى؛