لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جانخاكسار — كەمسىتىلگەن؛ ئوسال ھالەتتە قالغان ؛ غېرىب ، بىچارە؛
- جانخاكسارلىق — كەمسىتىلگەنلىك ، سۇندۇرۇلغانلىق ؛ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇش؛
- جاندار — تىرىك نەرسە ، جانلىق نەرسە ، جانلىق ، جاندار؛
- جانسوز — جاننى كۆيدۈرگۈچى ، ئازابلىغۇچى ، جاننى قىينىغۇچى؛
- جانسىپار — جاننى قۇربان قىلغۇچى، جاننى ئايىمىغۇچى ، ساداقەتمەن؛
- جانسىپارلىق — ساداقەتلىك ، پىداكارلىق؛ [جانسىپارلىق قىلماق --- پىداكارلىق قىلماق؛ ساداقەت كۆرسەتمەك]؛
- جانفۇرۇز — جان راھىتى، روھلاندۇرغۇچى ، ياشناتقۇچى؛
- جانفىزا/جانفىزاي — جانلاندۇرغۇچى ، جانغا راھەت بېغىشلىغۇچى ، ئارامبەخش ؛ شادلاندۇرغۇچى، يېقىملىق؛
- جانفىزايەندەلىق — جاننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، جانلاندۇرۇش؛ جانغا ھۇزۇر بېغىشلاش، ھاياتبەخشلىك،ئارامبەخشلىك؛
- جانفىشان — جاننى پىدا قىلغۇچى؛ جانىنى پىدا قىلىدىغان، پىداكار؛
- جانكاھ — جاننى قاخشاتقۇچ ، جانغا ئازاب سالغۇچى؛
- جانگۇداز — جاننى قىينىغۇچى ، ئازابلىغۇچى ، قىينىغۇچى؛
- جانگۇدازلىق — جان قىيناش ، جانغا ئازاب سېلىش؛
- جانلىق — تىرىك ، جانىۋار ، ھايۋان؛ [جانلىق قىلماق --- جان كىرگۈزمەك ، تىرىلدۈرمەك]؛
- جانلىق/يورۇق/پارلاق — Vibrant(سۈپەت)--(1) ئېنېرگىيىگە تولغان، جانلىق، شاداق، ھاياتىيەتكە تولغان؛ (2) رەڭلەر توغراسىدا يورۇق، چاقناق، كۆزگە چېل
- جاننەۋاز — يېقىملىم ، جانغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان؛
- جاننىسار — جان پىدا قىلغۇچى، جانپىدالىق؛ [جاننىسار ئەتمەك --- جانپىدا قىلماق، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلمەك]؛
- جانۇ جەھان — پۈتكۈل مەۋجۇدىيەت؛
- جانۇماق — ئەيىپلىمەك ، ئەدەبلىمەك؛
- جانىب — تەرەپ ، ياق ، جەھەت؛ [جانىبنى تۇتماق --- تەرەپىنى ئالماق ، ياقلىماق ، مۇھاپىزەت قىلماق]؛ [جانىب تۇتماق --- باشقا كىشىنىڭ
- جانىستان — جان ئالغۇچى ، ھالاك قىلغۇچى ، ئەجەللىك ؛ جان مەيدانى؛
- جانىۋار
- جانىي — ؛1) جىنايەتچى ، گۇناھكار؛ 2)كۆڭۈلدىكى ، سۆيۈملۈك ، قەدىرلىك ، ھەقىقىي ؛ جان بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛
- جاھ — مەنسەپ ، يۇقارى دەرەجەلىك ئورۇن ، ئەمەل ، مەرتىۋە ، ھەيۋەت؛ [جاھ بەزمى --- يۇقارى مەنسەپ، ئۇلۇغلۇق دەرەجەسى]؛ [جاھ جەمشى