لۇغەتنى كۆرۈش: ج
- جەمائ — جىمائ
- جەمائەت — كىشىلەر توپى ، ئىنسانلار توبى ، بىرەر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن بىر جايغا توپلانغان كىشىلەر توپى]؛
- جەمائەتى خوب — گۈزەللەر ، گۈزەللەر جامائەتى؛
- جەماد — جانسىز تەبىئەت، جانسىز نەرسەلەر؛
- جەمال — ھۆسىن ، گۈزەللىك ، يۈز ، بەت ، چىراي؛ [جەمال تۇتماق --- يۈز كۆرسەتمەك، كۆرۈنمەك]؛ [جەمال ئاچماق --- چىراي ئاچماق]؛
- جەمالىييەت — گۈزەللىك؛ مېھرىبانلىق ؛ مەرھەمەت؛
- جەمان — جۇمان (جمان ) ؛
- جەمەت — بىر ئۇرۇقتىن بولغانلار؛ بىر نەسىلدىكىلەر
- جەمرە — كۆمۈر ، كۆمۈر پارچەسى ، ئۇششاق تاش؛
- جەمرىي — ئۇششاق؛ تۆۋەن تەبىقەگە مەنسۇپ؛
- جەمشىد — ئۇلۇغ پادىشاھ جەمشىد (ئىراننىڭ قەدىمقى ئەپسانەۋى پادىشاھلىرىنىڭ بىرى ) ؛ [جەمشىد جاھ --- ئەڭ يۇقارى مەرتىۋەلىك ، ئۇلۇغ پ
- جەمشىدۋەش — جەمشىدتەك ، جەمشىدكە ئوخشاش؛ جەمشىد؛
- جەممازەلىك — يۈگۈرۈك تۆگە مىنگەن ، تېز يۈرەر تۆگىلىك؛
- جەممال — تۆگىچى ، تۆگە ، يېتىلىگۈچى؛
- جەممالۇسۇتۇر — تۆگىچى ۋە ئات - ئۇلاق؛
- جەمىئ — ھەممە ، بارچە ، پۈتكۈل ؛
- جەمىل — گۈزەل ، كۆركەم ، چىرايلىق ؛ نازىنىن؛
- جەمىلە — ؛«جەمىل»نىڭ ئايال سىغا شەكلى: گۈزەل ، ساھىبجامال ، گۈزەل ئايال ؛
- جەنائىب — ؛«جەنۇب»نىڭ كۆپلۈكى: جەنۇبلار ، جەنۇب شاماللىرى؛
- جەناب — جاناب ، ئىززەتلىك ، مەرتىۋەلىك كىشى ؛ بوسۇغا ، ئاستانە؛دەرگاھ؛ [گەردۇن جاناب ---يۇقارى مەرتىۋەلىك]؛
- جەنابەت — بويىنى سۇغا سېلىش زۆرۈر بولغان ناپاكلىق ، جۇنۇپلۇق؛
- جەناق — جۇناق؛
- جەناھ — قانات ، قۇش قانىتى؛
- جەناھەين — ئىككى قانات ، قوش قانات؛