لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تۆرت ئۇنسۇر — تۆرت زىدد؛
- تۆرت زىدد — تۆت ئاناسىر : ئوت ، سۇ ، ھاۋا ۋە تۇپراق؛
- تۆرتەر — تۆتتىن؛ [تۆرتەر مىڭ --- تۆت مىڭدىن]؛
- تۆرتەگۈ — تۆتەيلەن ، تۆتى ؛
- تۆرلىك — تۆر؛
- تۆرمە — ئىنچىكە يۇڭدىن توقۇلغان تونلۇق رەخت؛ [تۆرمەتون --- ئىنچىكە يۇڭدىن توقۇلغان ۋە رەختتىن تىكىلگەن تون، چاپان]؛
- تۆرۈتمەك — ياراتماق، ئاپىرىدە قىلماق ، تۆرەلدۈرمەك؛
- تۆزمەك — چىدىماق ، بەرداشلىق بەرمەك ، تاقەت قىلماق ، ئۆگەنمەك؛
- تۆش بەزى — ئادەم بەدەن ئەزالىرى؛
- تۆشە — سەپەر لازىمەتلىكلىرى ، سەپەر ئۈستىدە ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار؛ سەپەر ئوزۇقى ؛ جۇغلانما؛
- تۆشەتتۈرمەك — تۆشەك سالدۇرماق ، يايدۇرماق ، تۆشەكلىك قىلدۇرماق؛
- تۆشەتمەك — تۆشەكلىك قىلماق ، تۆشەك سالدۇرماق ، يايدۇرماق؛
- تۆشەدان — ئوزۇقلۇق خالتىسى؛
- تۆشەك — سېلىنچا ، بىسات ، كۆرپە؛
- تۆشەكخانا — ياتاقخانا ، ياتاق ئۆي؛
- تۆشەلمەك — سېلىنماق ، يېيىلماق ، تۆشەك سېلىنماق ، تۆشەكلىك قىلىنماق؛
- تۆشەمەك — يايماق ، سالماق ، تۆشەك سالماق؛
- تۆشلەنمەك — ئۇدۇلمۇئۇدۇل كەلمەك ، دۇچ كەلمەك؛
- تۆشلۈك — ساۋۇت؛
- تۆفەنگ /تۆفەڭ — مىلتىق ، قارا مىلتىق؛
- تۆفەنگئەنداز — مىلتىق ئاتقۇچى؛
- تۆكە — قەبرە ، گور؛ [تۆكەتاشى --- قەبرە تېشى]؛
- تۆكۈز — تولۇق ، تەلتۆكۈس ، پۈتۈنلەي ، ھەممە؛
- تۆكۈس — توققۇز ؛ تولۇق ، پۈتۈن؛