لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تۇللاب — ؛«تالىب»نىڭ كۆپلۈكى : تەلەپ قىلغۇچىلار ، تالىپلار ، ئوقۇغۇچىلار ، ستودېنتلار؛
- تۇلۇئ — چىقىش ، كۆرۈنۈش ، بالقىش ، تۇغۇلۇش (قۇياش ، ئاي )؛ تاڭ ئېتىش؛ [تۇلۇئ ئەتمەك ---(ئاي ياكى قۇياش ) چىقماق ، كۆرۈنمەك؛
- تۇلى ئەمەل — بىھۇدە خىيال ، بىھۇدە ئۈمىد ، دۇنياغا ھېرىس قىلىش؛
- تۇلى دەۋران — ئۇزاق دەۋر سۈرۈش؛
- تۇلى ھەيات — ئۇزاق ياشاش ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش؛
- تۇمار — ئورالغان قەغەز ، قاتلانغان مەكتۇپ؛ توم ، قىسىم ، جىلد؛ دۇئا يېزىلغان قاتلاق قەغەز؛
- تۇمارچىن — بويۇنغا ئاسىدىغان زىننەت بۇيۇمى ، بويۇن ئاسقۇ ، مېداليون؛
- تۇماغا — سۇلتان كىيىدىغان باش كىيىمنىڭ تۆپىسىدىكى پۆپۈك؛ ئوۋ قۇشىنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈلىدىغان قالپاق؛
- تۇمالاماق — ياپماق، يۆگىمەك ، باسماق ، سىقماق ، بوغماق ؛ دۈملىمەك؛
- تۇمان — ؛(1) تۇمان ، تۈتەك ؛ (2)گەۋدىلەنگەن نەرسە ، تېشىپ چىققان نەرسە ؛ (3) دۆۋە،دۆڭ، تاغ؛
- تۇمان(1) — تۇمان (ئىنگلىزچە: mist) ھاۋادا ئېسىلىپ تۇرىدىغان كىچىك سۇ تامچىلىرىدىن تەركىب تاپقان، يېنىك ۋە سۇس كۆرۈنۈشتىكى ھاۋارايى
- تۇمانماق — ھاۋا ئۆزگەرمەك ؛ گەۋدىلەنمەك ، باش كۆتۈرمەك؛
- تۇمۇشماق — دومسايساق ، شۈمشەيمەك ، بىر چەتتە ھەسرەتلىك قىياپەتتە ئولتۇرماق؛
- تۇمۇغ — دوزاق.
- تۇنبەك — كىچىك ناغرا ، بارابان، داپ؛
- تۇنجى — تۇنجى؛
- تۇند — تېز ، ئىتتىك ، ئاچچىق ، غەزەپ ؛ غەزەپلىك ، بوي بەرمەسلىك؛ توسۇن،شاش ، شوخ، قېنىق، قويۇق؛ [تۇند مەي --- كۈچلۈك مەي ئۆتكۈر
- تۇند خۇ/تۇندخۇي — گەپنى بىرلا قىلىدىغان ، ئۆز گېچىدە قاتتىق تۇرغۇچى ، نازۇك تەبىئەت ، چۇس مىجەز ،ئاچچىقى يامان؛
- تۇنقاتار — كېچىلىك كۆزەتچى ، كېچىلىك ساقچى ؛ كېچىچە يېقىلىدىغان ئۇزۇن شام؛
- تۇنقال — تەنقال؛
- تۇھەف — ؛«تۇھفە»نىڭ كۆپلۈكى: تۆھپىلەر؛ سوۋغىلار، تارتۇقلار؛
- تۇھفە — سوۋغا ، تارتۇق ، ھەدىيە؛ [تۇھفە چەكمەك --- سوۋغا قىلماق ، تارتۇقلىماق، ھەدىيە قىلماق]؛
- تۇھفەتۇلئەفگار — مەجرۇھ سوۋغىسى؛
- تۇۋاغ — تۇياق؛