لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەۋقىر — ھۆرمەتلەش ، ئۇلۇغلاش ، ئەزىزلەش؛
- تەۋقىرات — ؛«تەۋقىر»نىڭ كۆپلۈكى : ھۆرمەتلەشلەر؛
- تەۋقىف — توختاتىش ، توختىتىپ قويۇش ، قاماققا ئېلىش ، مەنئى قىلىش ،پېچەتلەش ، مۇسادىرە قىلىش؛
- تەۋقىل لەئن — توقا لەنەت ، لەنەت ھالقاسى؛
- تەۋلۈك — سوتكا ، سوتكىلىق؛
- تەۋلىد — تۇغدۇرۇش، دۇنياغا كەلتۈرۈش ، ياساش، ۋۇجۇتقا چىقىرىش؛
- تەۋلىييەت — ۋەقف يەرلەرنى باشقۇرۇش، مۇتەۋەللىلىك؛
- تەۋھىد — ئىلاھنى يەككە دەپ بىلىش، بىر ئىلاھلىق نەزەرىيەسى؛ (تەسەۋۋۇف تەلىماتى بويىچە) ھەقىقەتكە ئېرىشىش - كىشى روھىنىڭ ئىلاھ، ئىل
- تەۋۈرۈك — تۆۋرۈك ، چەمبىرەك ، قورشاۋ؛
- تەۋىل/تەۋلە — ئۇزۇن؛
- تەۋىلە — ئاتخانا ، ئات ئېغىلى (چوڭ )؛
- تەي — يۈرۈش ، كېزىش ، بېسىپ ئۆتۈش؛ [تەي ئەيلەمەك،تەي ئەتمەك، تەي قىلماق --- يۈرمەك،كەزمەك ، بېسىپ ئۆتمەك]؛
- تەيالىسە — ؛«تەيلەسان»نىڭ كۆپلۈكى: تەيلەسان؛
- تەيەران/تەيران — ئۇچۇش ، پەرۋاز ، ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈش ،ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈش؛ [تەيەران قىلماق --- ئۇچماق،پەرۋاز قىلماق]؛
- تەيەققۇز — ئۇيقۇدىن ئويغىنىش ، غەپلەتتىن ئويغىنىش ، سەگەكلىشىش؛
- تەيەققۇن — تولۇق ئىشىنىش ، چوڭقۇر ئىشىنىش ، تولۇق بىلىش ، ھەممەنى بىلىش؛
- تەيەممۇم — سۇ ئورنىدا باشقا نەرسەنى ئىشلىتىپ تازىلىق قىلىش، سۇ تېپىلمىغاندا قۇم ياكى توپا بىلەن تەرەت ئېلىش؛
- تەيەممۇن — ياخشىلىقتىن بىشارەت ، تەلەي ، مۇۋەپپەقىيەت؛
- تەير — ئۇچۇش ؛ قۇش؛ [تەير قىلماق --- ئۇچماق]؛ [لىسانۇت تەير --- قۇش تىلى]؛
- تەيفۇن — تېچ ئوكياننىڭ غەرپىدە بولىدىغان ئىنتايىن شىددەتلىك بوران؛
- تەيلەسان — سايىلىك ، ياغلىق ، يەكتەك ، تاش چاپان ، يېپىنچا؛
- تەيۋەن — دەۋلەت نامى؛
- تەييى ئەرز — يەر يۈزىنى ياكى ئۇزاق يولنى ئاز ۋاقىت ئىچىدە كېزىپ بولۇش؛
- تەييىب — ياخشى ، ئوبدان ، بەلەن ، پاكىز؛