لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تارەك — باشنىڭ چوققاسى ، باش ، باش سۆڭىكى؛ [تاجى تارەك --- باشقا كىيدۈرۈلگەن تاج]؛
- تارەم — ؛(«ئا» ئۇزۇن سوزۇق ) ئۈستى گۈمبەزلىك ئېگىز ئۆي ؛ گۈمبەز؛ قۇببە؛ كۆك ، ئاسمان ، پەلەك؛ [دەريايى تارەم --- تارىم دەرياسى]؛
- تارەمى ئەئلا/تارەمى مينۇ — كۆك ، ئاسمان؛
- تارت - پىرتى — قالايمىقانچىلىق، تەرتىپسىزلىك؛
- تارتقۇلاشماق — ئۇيان - بۇيان تارتىشماق ، ئۇرۇشماق؛
- تارتقۇلاماق — ئۇياق - بۇياققا تارتماق؛
- تارتما — ئۆي جاھازىلىرىنىڭ ياكى ئۈستەل، ئىشكاپلارنىڭ تارتىپ چىقارغىلى بولىدىغان ساندۇقچىلىرى؛ سىيرىتماسى؛
- تارتۇق — سوۋغات؛ مەدھىيە؛
- تارتىپ ئېلىش/ مۇسادىرە قىلىش — تارتىپ ئېلىش مۇسادىرە قىلىش-- ھۆكۈمەت، قانۇن ئورگانلىرى ياكى رەسمىي ئورۇنلار تەرەپىدىن مال-مۈلۈك، پۇل ياكى باشقا نەرسەلە
- تارتىشماق — چېپىشماق، چاپتۇرۇشماق؛ [ئات تارتىشماق --- ئات چېپىشماق]؛
- تارتىق — تارتۇق ، سوۋغا؛ [ تارتىق تارتماق --- سوۋغا تەقدىم قىلماق]؛
- تارتىلما — Dropdown(ئىسىم/سۈپەت)-- ئىشلەتكۈچى ئارايۈزىدە بېسىلغاندا ياكى چاشقىنەك قاپلىغاندا ئاستىغا چۈشۈپ كۆپ تاللاشلارنى كۆرسىتىد
- تارخان — ؛(1) سېلىق ۋە ئەيىبلەشتىن ئازاد قىلىنغان ئىمتىيازلىق تەبىقە؛ فېئوداللىق جەمئىيەتتە پادىشاھ ياكى ئاق سۆڭەكلەر ئىشغال قىلى
- تارخانلىق — مەخسۇس ئىمتىيازلىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ يېرى،بۇنداق يەرلەردىن سېلىق ئېلىنمايدۇ.
- تارغاق
- تارماتماق — كۆتۈرۈلمەك ، ئۆرلىمەك؛
- تارماشماق — ياماشماق(بىرىنچى «ئا» تاۋۇشى ئۇزۇن سوزۇق )؛
- تارماق تىزىملىك — Submenu(ئىسىم)-- ئاساسلىق تىزىملىكنىڭ ئىچىدەكى تارماق تىزىملىك، ئىككىنچى دەرەجەلىك تىزىملىكنى بىلدۈرىدۇ. بىر تىزىملىك تۈ
- تارماق زاۋۇت — چوڭ شىركەتكە تەۋە بولغان، ئۇنىڭغا قاراشلىق كىچىك زاۋۇت ياكى ئىشخانا. بۇنداق زاۋۇتلار ئاساسىي شىركەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستى
- تارناۋ — ئېرىق ، نو؛
- تارۇپۇد — ئۆرۈش ، ئارقاق؛
- تارۇمار — يىمىرىلگەن ، ئاغدۇرۇلغان ، يوقىتىلغان ، بىتچىت قىلىنغان ، قالايمىقان، چۇۋۇلغان؛
- تارى — توساتتىن ، بىردىنلا ، تۇيۇقسىز، كۈتۈلمىگەندە؛ [تارى بولماق --- توساتتىن پەيدا بولماق،كۆرۈنمەك]؛ [تارى قىلماق --- كۆرسەتم
- تارى ھەيات — ھايات يىپى ، جان ، نەپەس ، تىرىكچىلىك؛