لۇغەتنى كۆرۈش: ت
- تەلاق — خوتۇنىنى قويۇۋېتىش، خوتۇن بىلەن ئاجرىشىش؛
- تەلاقا — ئۇچرىشىش ، يولۇقۇش؛
- تەلالا — ناخشا ، ئاھاڭ ، كۈي ، ۋارقىراش ، سۈرەن سېلىش ؛ چۇقان؛
- تەلاھۇق — ئۇچمۇئۇچ كېلىش ، ئارقىمۇئارقا كېلىپ قوشۇلۇش ؛ يەملىشىش،يېپىشىش، تۇتىشىش؛
- تەلاۋەت — چىرايلىق ئاۋاز بىلەن، قائىدە بىلەن ئوقۇماق؛'
- تەلايە — قوشۇننىڭ ئالدىن ماڭار قىسمى، ئاۋانگارت قىسىم؛
- تەلە — توزاق ، دام ، ئازگال؛
- تەلەئلۇئ — پارلاش ، پارقىراش ، نۇر چېچىش؛
- تەلەب — تىلەك ، ئىستەك ، تەلەپ ، خاھىش ، مەيل؛ [تەلەب ۋادىسى --- سوپىلىق مەسلىكىدىكى يەتتە ۋادى (يەتتە دەرەجە )نىڭ بىرىنچىسى]؛
- تەلەبە — ؛«تالىب»نىڭ كۆپلۈكى: تەلەپ قىلغۇچىلار ، ئىلىم ئالغۇچىلار ،ئوقۇغۇچىلار؛
- تەلەپ — ئىستەك؛ ئارزۇ.
- تەلەپپۇز، ئۇرغۇ — Accent(ئىسىم/پېئىل)-- ئىسىم شەكلىدە سۆزلەشتە ئالاھىدە رايون ياكى دەۋلەتكە خاس تەلەپپۇز ئۇسۇلى؛ سۆزدىكى تەكىت؛ ھەرپ ئۈستى
- تەلەپپۇز/ تاۋۇش — تەلەپپۇز--سۆزلەرنىڭ ياكى تىلنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز تىل ئۆگىنىش، سۆزلۈكلەر ۋە ئالاقە جەريان
- تەلەت — يۈز؛ چىراي؛ كۆرۇنۈش.
- تەلەتتۇف — سىلىقلىق ، مېھرىبانلىق ، سەمىمىيلىك ، ئامراقلىق ، ئەركىلەش ،ئەركىلىتىش؛
- تەلەززۇز — لەززەتلىنىش ، ھۇزۇرلىنىش؛
- تەلەززۇزات — لەززەتلىنىدىغان نەرسەلەر؛
- تەلەف — نابۇتلۇق ، ھالاكەت ، يوق بولۇش ، ئۆلۈش ، گۇمرانلىق ؛ زىيان، زەرەر؛ [تەلەف بولماق ---نابۇت بولماق ، ئۆلمەك ، چىقىم بولماق
- تەلەففۇز — سۆزلەش ، ئېيتىش ، تەلەپپۇز؛
- تەلەققى — قارشى ئېلىش، قوبۇل قىلىش ؛ چۈشىنىش [تەلەققى قىلماق --- قوبۇل قىلماق]؛
- تەلەممۇز — شاگىرتلىق ، ئوقۇغۇچىلىق ، ئۆگەنگۈچىلىك؛
- تەلەھھۇب — يالقۇنجاش ، يېنىش ، كۆيۈش؛
- تەلەۋۋۇن — رەڭمۇرەڭ بولۇش ؛ ئۆزگىرىپ تۇرۇش؛ تۇتۇرۇقسىزلىق،تايىنسىزلىق، مەيدانسىزلىق؛
- تەلبە — تەلۋە ، ساراڭ؛