لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- باغالتاق — پاختىلىق جېلىتكە؛
- باغام — باغلاق ، بوغام ، بىر باغلام؛
- باغانلاماق — تۈرۈك قويماق؛
- باغداي — تاغ باغرى ، يەر تۆۋىنى، يانتۇلۇق؛
- باغدايسىز — يانتۇ ئەمەس ، يانتۇسىز؛
- باغر — كۆكرەك ، كۆكس؛ جىگەر؛ [باغرى تالماق -- دەرمانسىزلانماق،مادارسىزلانماق]؛ [باغرىغا تاش بەركىتمەك -- سەۋر قىلماق ، چىدىماق]
- باغرى قارا — قارا باغىر ناملىق قۇش (كۆكرىكىدىكى پەيلىرى قارا بولىدۇ ،چۆلدە ياشايدۇ)؛
- باغلاشتىرماق — تۈزمەك ، تۇتاشتۇرماق ، ئۇلىماق؛
- باغلاغۇلۇق — باغلاقلىق ، تۇتاشقان؛
- باغلىغۇچىلار — سۆز ۋە سۆز بىرىكمەلىرىنى ھەم قوشما جۈملە تەركىبىدىكى ئاددى جۈملەلەرنى ئۆز ئارا باغلاش رولىنى ئوينايدىغان ياردەمچى سۆزلەر
- باغناق — ئاياللارنىڭ باش بېزىكى؛
- باغۇرداق — كېكىرتەك ، گال؛
- باغۋەن — باغۋەن ؛ گۈلچى؛
- باغى ئىرەم — جەننەت ، ئىرەم بېغى؛
- باغى جىنان — جەننەت بېغى؛
- باغىر — جىگەر؛ كۆكرەك؛ [باغىر خۇنابى -- يۈرەك قېنى ، جىگەر قېنى]؛ [باغىر پەرگالەسى -- جىگەر پارىسى ، يۈرەك پارىسى]؛
- باغىرداق — يۆگەك ، زاكا ؛ لىپتىك؛
- باغىرساق — ئىچكى ئەزا ، ئۈچەي ؛
- باغىش — ئۆگە ؛ باغلىنىش ؛ باغ ؛ چېدىرنىڭ ئارقىنى ؛ تون بەلبېغى؛
- باغىشلاماق — بەرمەك ؛ئىلتىپات قىلماق ، كەچمەك؛
- باغىنماق — ياراشماق ، خوپ بولۇشماق؛
- باغىي — ؛1) باش تارتقۇچى، بويسۇنمىغۇچى، ئىسيان كۆتۈرگۈچى ، ئىسيانكار ،قوزغىلاڭچى؛ 2)باغنىڭ ، گۈلزارلىقنىڭ ، باغقا تەئەللۇق ؛ 3)
- باف — ؛(سۆز بىرىكمەلىرىدە «توقۇغۇچى» مەناسىدە كېلىدۇ )؛ [ پەردەباف -- پەردە توقۇغۇچى]؛
- بافەر — شان - شەۋكەتلىك ، سەلتەنەتلىك ؛ شان - شەۋكەت؛