لۇغەتنى كۆرۈش: ب
- بادىي — ؛1) شامال بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ؛ يەلكەنلىك ؛ پۇۋلىنىدىغان؛ 2)باشلىغۇچى ، ئالدى بىلەن قول تەۋرەتكۈچى ؛ زاھىر ، ئاشكارا؛
- بادىيە — دەشت،سەھرا،چۆل،باياۋان؛ [بادىيە ئەھلى -- چۆلدە ياشىغۇچى ، سەھرايى ، بەدەۋى]؛ [بادىيە پەيماي -- سەھرادا يۈرگۈچى ، سەھرالى
- بادىيەئى فىراق — ئايرىلىش چۆلى ، پىراق دەشتى؛
- بار — ؛1) يۈك؛ 2) ھوسۇل ، مېۋە ؛ 3)قېتىم، مەرتە ، نۆۋەت ؛ كەررە؛ [نەچەبار -- نەچچە قېتىم]؛ [بارلار -- قېتىملار]؛ 4)ئىجازەت ، ر
- بار / ئىگە بولۇش / قىلىش (پېئىل) — Have دېگەن سۆز ئىنگلىز تىلىدىكى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋە كۆپ مەنالىق پېئىللەردىن بىرى؛ (1)بىر نەرسەنىڭ ئىگەسى بولۇش ياك
- بار بەست — يۈك تاڭغۇ؛
- بارات — بەرات ؛ 1 [ بارات ئاي -- ھىجىرىيە كالىندارى بويىچە 8 - ئاي (شەئبان )]؛
- باران — يامغۇر؛ [تىرباران -- ئوق ياغدۇرۇش]؛
- بارانغار — بۇرانغار؛
- باراۋەت — ئۆز-ئارا پۇل يىغىش قىلىپ سىرتقا تاماشىغا چىقىش ياكى زىياپەت قىلىش.
- بارە — ؛1) قېتىم، مەرتەۋە ، نۆۋەت؛ 2)[بارەسىدە -- خۇسۇسىدا،ھەققىدە،توغراسىدا]؛ 3) قەلئە،قورغان،سېپىل،قاشا؛ 4) ئات ؛ ئۇلاغ؛
- بارەئى سۈرئەتنەما — چاپقۇر ئات،يۈگۈرۈك ئات؛
- بارەكەللاھۇ — ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن ؛ ئاللاھ مۇبارەك قىلسۇن!!
- بارەندە — ياغقۇچى، تۆككۈچى ، ياغدۇرغۇچى؛ [ئەبر بارەندە -- يامغۇر تۆككۈچى بۇلۇت]؛
- باربەد — خىسراۋ پەرىۋىزنىڭ داڭلىق مۇزىكاچىسى؛
- بارپا — ھەمىشە . دائىم؛
- بارتو — كونا جەمئىيەتتە پومىشچىك، بايلارنىڭ مالۋاران، يەر-زىمىن قاتارلىق ئىگىلىكىنى باشقۇرغۇچى، ھوقۇقلۇق شەخس
- بارتىنماق — ياراتماق،بارلىققا كەلتۈرمەك؛
- باردار — مېۋىلىك ، ھوسۇللۇق ، مېۋە بېرىدىغان ، ھامىلىدار؛
- باردىك/باردىكلار — بارسۇن؛
- بارساچى — ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرگۈچى ، يىرتقۇچلارنى كۆندۈرگۈچى؛
- بارسچى — يولۋاس ئۆگەتكۈچى ، يولۋاس ئويناتقۇچى؛
- بارغۇلۇق — پاناھ جاي ، باشپاناھلىق؛
- باركەش — يۈك توشۇغۇچى ، ھاممال؛